تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

جىمجىتلىق ئىچىدىكى ئالدىراش سىيمالار−ئۈرۈمچى پىدائىيلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشى

   بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقانلار غەلىبە قىلىدۇ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولغانلار روناق تاپىدۇ. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلدى. جىمجىتلىق ئىچىدە، بىر توپ كىشى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

   8-ئاينىڭ 10-كۈنى، سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى كوچىسى جىنتەي مەھەللىسى جىنتەي ئولتۇراق رايونىدا، پىدائىي جاڭ مېڭجىڭ ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، 100 قەۋەتكە چىقىپ، ئون نەچچە قېتىم ماددىي ئەشيا توشۇغاندىن كېيىن، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىپ تەرلىرىنى سۈرتتى.

   8-ئاينىڭ 10-كۈنى چىڭقى چۈشتىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا، سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى كوچىسى جىنتەي مەھەللىسى جىنتەي ئولتۇراق رايونىنىڭ پىدائىيسى جاڭ مېڭجىڭ بەدىنىدىن ئاققان تەرلەرنى ئۇنتۇپلا كەتكەنىدى، كىيىمىنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەنىدى، پىدائىيلارنىڭ قەلبىدە ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرنى تىت-تىت قىلماسلىق ئەڭ مۇھىم ئىش.

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچە، ئەرگۇڭ كوچا باشقارمىسى چاڭچىڭ مەھەللىسى خۇيئەن ئولتۇراق رايونىدا، بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن پىدائىي سۇڭ شۇيەن دەنيۈەن ئالدىغا بىر كارىۋات قويۇپ، قول چىراغ يورۇقىدا ئاھالىلەرنىڭ ئەتە سېتىۋالىدىغان ماددىي ئەشيالىرىنى خاتىرىلىدى.

   8-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچە، ئەرگۇڭ كوچىسى چاڭچىڭ مەھەللىسى خۇيئەن ئولتۇراق رايونىنىڭ پىدائىيسى سۇڭ شۇيەن ئازغىنە يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەتىسى ئېھتىياجلىق بولغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تىزىملىدى، تۈن قاراڭغۇسىدا ئۇ چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشاپ قالغانىدى، گەرچە بۇ نۇر ئانچە يورۇق بولمىسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئىدى.

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 13دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، سايباغ رايونىنىڭ شىسەن تەۋەلىك رايونى شىنبياۋ مەھەللىسى يىشۇيۋەن 1-قارارA رايون دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا، پىدائىي ۋاڭ بىڭ (ئوڭدا) ئەمدىلا توشۇپ كېلىنگەن «بۇيۈگۇڭچېڭ» بالىلار مەخسۇس سۈتىنى توشۇۋاتاتتى. بۇ سۈتلەر تىزىملىك بويىچە، پىدائىيلار ئ‍ارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

   «بۇلار ئاھالىلەر بۇيرىغان ۋەيمەيلەر، بۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويىمىز.» 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، سىم-سىم يامغۇردا، سايباغ رايونىنىڭ شىسەن تەۋەلىك رايونى شىنبياۋ مەھەللىسىدىكى 90-يىللاردا تۇغۇلغان پىدائىي ۋاڭ بىڭ ئاھالىلەر بۇيرىغان ۋەيمەيلەرنى مەخسۇس ۋەيمەي قويۇش ئۈچۈن تەييارلىغان ئورۇندۇققا قويدى ھەم ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سولياۋ خالتىنى چىڭ چىگىپ قويدى.

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزى يولىدا، پىدائىي سۇڭ شياۋرۇڭ (سولدىن 2-كىشى) ۋە ما شىن (سولدىن 1-كىشى) بېكەتتىن چىققان يولۇچىلارنى سەپەرگە چىقىش لىنىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تاللاشقا يېتەكلىمەكتە.

   ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا، پىدائىيلارنىڭ قىزىل جىلىتكىسى خۇددى بىر پارچە كۆچمە بەلگە كۆرسەتكۈچ تاختىسىغا ئوخشايتتى، سۇڭ شياۋرۇڭ بىلەن ما شىن پىدائىيلار يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېكەتتىن چىققان يولۇچىلارنى مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، شىمىگۇ رايونى شەرقىي ۋېنچۈەن يولى مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، پىدائىيلار كۆكتاتلارنى رەتلىمەكتە.

   شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا پىدائىيلارنىڭ ئالدىراش سىيماسى پەيدا بولدى، سەھەردىن يېرىم كېچىگىچە كۆپچىلىكنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قوغداپ، نۇرغۇنلىغان كىچىككىنە ئىللىقلىقتىن يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن-ھۈسەننى شەكىللەندۈرۈپ، قويۇق مۇھەببىتىنى تىمتاسلىققا تولغان بۇ شەھەرگە بېغىشلىدى. ھازىرغىچە، 88 مىڭ 653 پىدائىي بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

  (مۇخبىر جاۋ لى خەۋىرى، مۇخبىرلار چېن شىڭيۈ، بيەن لەنلەن، چېن يەن، جاۋ لى، پىراكتىكانت مۇخبىر شى لېي فوتوسى)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.