تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: 8- ئاينىڭ 12- كۈنى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى «646+1359»

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

  8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 704نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 58 (گۇاڭدۇڭدا 13، بېيجىڭدا 9، شاڭخەيدە 8، فۇجيەندە 7، شەندۇڭدا 7، سىچۇەندە 6، ئىچكى موڭغۇلدا 3، تيەنجىندە 2، لياۋنىڭدا 1، خېيلۇڭجياڭدا 1، شەنشىدە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 11 كىشى (شەندۇڭدا 4، گۇاڭدۇڭدا 3، ئىچكى موڭغۇلدا 2، سىچۇەندە 2) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 646 (خەينەندە 594، گۇاڭدۇڭدا 12، جياڭشىدا 9، جېجياڭدا 7، سىچۇەندە 5، چۇڭچىڭدا 4، شىزاڭدا 4، ئىچكى موڭغۇلدا 2، فۇجيەندە 2، چىڭخەيدە 2، شىنجاڭدا 2، شاڭخەيدە 1 جاڭسۇدا 1، گۇاڭشىدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 16 كىشى (جېجياڭدا 5، خەينەندە 5، گۇاڭدۇڭدا 2، شىنجاڭدا 2، گۇاڭشىدا 1، چۇڭچىڭدا 1) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

  شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 98، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 46، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 52 (سىچۇەندە 19، ئىچكى موڭغۇلدا 17، گەنسۇدا 6، گۇاڭشىدا 5، خەينەندە 2، شەندۇڭدا 1، گۇاڭدۇڭدا 1، بىڭتۇەندە 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 12مىڭ 220 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 1سى كۆپەيدى.

  چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 648 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 2)، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 441، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 20 مىڭ 793، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

  8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 4668سى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 8) بار ئىكەن، جەمئىي 224 مىڭ 323 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 234 مىڭ 217 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 4 مىليون 850 مىڭ 458 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 156 مىڭ 356 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1440نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 81، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 1359 (خەينەندە 832، شىنجاڭدا 334، بىڭتۇەندە 50، جېجياڭدا 37، جياڭشىدا 28، شىزاڭدا 28، گۇاڭدۇڭدا 11، خۇبېيدا 9، ئىچكى موڭغۇلدا 7، گەنسۇدا 5، گۇاڭشىدا 4، شاڭخەيدە 3، چۇڭچىڭدا 3، سىچۇەندە 3، چىڭخەيدە 3، ئەنخۇيدا 1، شەنشىدە 1).

  شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 437، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 75، يەرلىكتىكىسى 362 (گەنسۇدا 172، گۇاڭشىدا 73، شەندۇڭدا 45، خېنەندە 18، سىچۇەندە 18، بىڭتۇەندە 11، ئىچكى موڭغۇلدا 6، ئەنخۇيدا 3، گۇاڭدۇڭدا 3، يۈننەندە 3، تيەنجىندە 2، خەينەندە 2، شىنجاڭدا 2، خېبېيدا 1، جىلىندا 1، جېجياڭدا 1، خۇنەندە 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 27 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 11)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 8064 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 709).

  جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 5 مىليون 211 مىڭ 691 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 364 مىڭ 399 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 69 مىڭ 952، ئۆلگىنى 9555)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 791 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 785، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 4 مىليون 846 مىڭ 501 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 9342).

  پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.