تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

8- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 50ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0 دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 50ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 4- شى كۆكدالا شەھىرىدە 1ى، 62- تۇەندە 7سى، 64- تۇەندە 20سى، 66- تۇەندە 3ى، 6- شى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا 1ى، 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە 18ى بار. 4- شىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 1 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 9 يۇقۇملانغۇچىنى مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

  8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 0؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 199، بۇنىڭ ئىچىدە، 4- شىدا 133ى، 6-شىدا 1سى، 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە 64ى، 13- شىدا 1سى بار.

  پايدىلانغان مەنبە: بىڭتۇەن سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.