تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]مايلىق قۇم كانىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

شياۋ جيەن:

مايلىق قۇم كانىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

يېقىنقى كۈنلەردە، قاراماي شەھىرى چېڭتوۋ مايلىق قۇم كانىنى چارلاپ تەكشۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ جيەننىڭ پۈتۈن ئوي ـ خىيالى قانداق قىلىپ كونا ئۇسۇلنى بۇزۇپ تاشلاپ، مايلىق قۇم كانى زاپىسىدىن پايدىلىنىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مايلىق قۇم كانىنى ئۈنۈملۈك ئېچىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش بولدى.

بۇ شياۋ جيەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنە بىر يېڭى باشلىنىش ئىدى. «مەن مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىش ۋە جەڭ ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.» شياۋ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: گەرچە «قىسقۇچپاقىنى تۇنجى يېگەن ئادەم بولۇش»نىڭ خەۋپ ـ خەتىرى بولسىمۇ، لېكىن مەن سىناپ بېقىشنى خالايمەن.

خىزمەت قىلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتقان شياۋ جيەن ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئون يىل ئىلگىرى، تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن شياۋ جيەن جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنى ياردەمچى قىلىش ئارقىلىق ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، نېفىت ئېقىتىشنى ئېچىش ـ سىناق قىلىش (SAGD) مۇھىم، زور تۈرىگە قاتناشقان، دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىت زاپىسىدىكى ئون نەچچە تۈرنى ئېچىش، تەڭشەش، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش لايىھەسىنى تۈزۈشنى تاماملاپ، فېڭچېڭ نېفىتلىكىدە دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى سانائەتلەشتۈرۈپ كۆلەملىك ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2018 ـ يىلى شياۋ جيەن دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مايلىق قۇم كانى − فېڭچېڭ 1 ـ نومۇرلۇق مايلىق قۇم كانىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ھەم باشقۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مايلىق قۇم كانلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچقان.

مايلىق قۇم كانىنى دالىدا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش 1992 ـ يىلى باشلانغان. فېڭچېڭ 1 ـ نومۇرلۇق مايلىق قۇم كانىنى چارلاش ـ ئېچىش خىزمىتى دەسلەپكى مايلىق قۇم كانى بايقىلىشتىن سودىلاشتۇرۇپ ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە 30 يىلنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ يىل 6 ـ ئايدا، تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە مايلىق قۇم نېفىتىنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قاراماي شەھىرى چېڭتوۋ مايلىق قۇم كانىنى چارلاپ تەكشۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاراماي شەھىرى فۇچېڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ فۇچېڭ ئېنېرگىيە شىركىتى دېيىلىدۇ)نىڭ پاي كونترول تارماق شىركىتى. مايلىق قۇم نېفىتىنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش فۇچېڭ ئېنېرگىيە شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ ئاساسلىق كەسپىمۇ تەبىئىي گاز يىغىۋېلىشتىن «نېفىت بىلەن گازنى تەڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فېڭچېڭ 1 ـ نومۇرلۇق مايلىق قۇم كانىدىن ئېلىنغان مايلىق قۇم نېفىتى ئاسفالتقا ئوخشاش قويۇق بولۇپ، مايلىق قۇم ئارىسىدا ساقلانغان چاغدا ئاساسەن ئاقمايدۇ، يەر قاتلىمىغا پار كىرگۈزۈپ، ئۇنى قىزدۇرۇپ ئېرىتىپ، ئېقىشچانلىققا ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، نېفىت تارتىش ماشىنىسىدا تارتىپ ئېلىشقا قولاي بولىدۇ. گەرچە مايلىق قۇم كانىنى قېزىش بىرقەدەر قىيىن بولسىمۇ، ئېلىنغان نافتېنلىق مايلىق قۇم نېفىتىنى چەككىلەپ پىششىقلىغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى ياساشنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

فېڭچېڭ 1 ـ نومۇرلۇق مايلىق قۇم كانىنى ئېچىش مەزگىلىدە، شياۋ جيەن كوللېكتىپنى باشلاپ نەق مەيداندا يېتىپ ـ قوپۇپ، تۈرگە پۈتۈن جەريانلىق قاتناشتى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خىزمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ SAGD سەۋىيەسىدە گورىزونتال قۇدۇقىدىن 15 قۇدۇق گۇرۇپپىسىنى بۇرغىلاشنى تاماملاپ، يېڭىدىن 90 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈردى.

«بۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، مايلىق قۇم كانىنى ئېچىپ مەھسۇلات مىقدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز» دېدى شياۋ جيەن.

ھازىرغىچە شياۋ جيەن 15 تۈردە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىگە، تۆت تۈردە پاتېنتقا ئېرىشتى، SAGD مەخسۇس تۈر بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكىدىن ئىككىنى تۈزۈشكە قاتناشتى. 2021 ـ يىلى شياۋ جيەن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.