تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە كۈچ قوشۇلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تېزدىن تىزگىنلەش ۋە ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تېزدىن تەشكىللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى پىدائىيلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن بىرلىكتە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئىشەنچ يەتكۈزۈپ، كۈچ يەتكۈزۈپ، مەدەنىيلىك يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببىتى ئارقىلىق مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى:

شەھەر«تىنچلاندى» پىدائىيلار «جانلاندى»

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قايناق شەھەر تىنچلاندى، ئەمما يەنە بىر توپ كىشىلەر ئالدىراش بولۇپ كەتتى، خېسۇەندىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى تەشكىللەپ ئاغرىقلارنى مەخسۇس توشۇش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكىچە، ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، قىزغىن ئاھالىلەر، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى... گەرچە سالاھىيىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن نىشانى بىردەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پىدائىي.

«پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان 1 ـ كۈنى، ئىككى قېتىملىق خېسۇەن تەكشۈرۈشتە خېسۇەندىن ئەۋرىشكە ئېلىشقا ياردەملىشىپ ئون نەچچە سائەتتەك ئۆرە تۇرۇپتىمەن، ئەسلىي ئۆزۈمنى خېلىلا بەرداشلىق بېرەلەيمەن، دەپ ئويلايتتىم، ئويلىمىغان يەردىن تۈنۈگۈن ئۆيگە قايتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن» دېدى 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ياشلار يولى كوچا باشقارمىسى ۋۇشىڭ يولى غەربىي مەھەللىسىدىكى پىدائىي سۈن مېڭيۆ.

سۈن مېڭيۆ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 77 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، بۇ يىل 26 ياش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن ۋە مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى خېسۇەن تەكشۈرگەن تەجرىبىسى بولغاچقا، 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە تىزىملىتىپ، خېسۇەندىن ئەۋرىشكە ئېلىشقا ياردەم بېرىش پىدائىيسى بولدى.

52 ياشلىق جاۋ يۈشيا ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى كازىۋەن كوچىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 7دە، ۋىيشىن توپىدىكى ئۇچۇردىن مەھەللىگە پىدائىي قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى.

جاۋ يۈشيا ئۈستىگە ئالغان پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇقىم ۋاقىتتا تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىدى. يېشى 50تىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ غەيرىتى ياشلاردىن قېلىشمايتتى. «ئالاھىدە مەزگىلدە، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىشىمىز كېرەك» دېدى جاۋ يۈشيا.

«پىدائىي بولۇشتا مېنىڭ تەجرىبەم بار، داشۆدىكى چاغدا ئىمتىھان بېرىپ خېسۇەندىن ئەۋرىشكە ئېلىش كىنىشكىسىنى ئالدىم، بۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى.» يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى، پىدائىي چياۋ جويۆ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ـ تۆۋەن قەۋەتلەر ئارا يۈگۈرۈپ يۈرىمەن، بۇ ئىككى كۈندە پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈپ يۈرۈپ، پۇتلىرىم خېلىلا تالدى، بىراق بەرداشلىق بېرەلەيمەن».

چياۋ جويۆ 99 ـ يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، فۇجيەن تېببىي داشۆسى دورا ياسالمىلىرى كەسپىدە ئوقۇيدۇ، بۇ قېتىم يۇرتىغا قايتىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە پىدائىي قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ ھامان تىزىملىتىپ، ئون نەچچە ئائىلىلىك ئاھالىنى ئۆيىگە بېرىپ خېسۇەندىن ئەۋرىشكە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى. كونا ئولتۇراق رايوندىكى تۇرالغۇ بىنادا لىفىت يوق ئىدى، ئون نەچچە ئائىلىلىك ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئون نەچچە بىناغا تارقاقلاشقانىدى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ياخشى ئورۇنداشتا ھەم ئەقلىي كۈچ سىنىلىپلا قالماي، يەنە جىسمانىي كۈچمۇ سىنىلاتتى.

بۇ، چياۋ جويۆنىڭ تۇنجى قېتىم پىدائىي بولۇشى ئەمەس، مەكتەپتىكى چاغدا، ئۇ دائىم ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنى يوقلايتتى، دوختۇرخانىدا پىدائىي خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيتتى... «ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلسام، خۇشاللىققا چۆمىمەن» دېدى چياۋ جويۆ.

ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان 8113 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكتى، جەمئىي 88 مىڭ 653 پىدائىي بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنى تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

غۇلجا شەھىرى:

بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى

8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 7دە، پىدائىي چى يۇڭشېڭ تىزىملىكنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، توكسىكلىتقا مىنىپ، ئاھالىلەرگە كېرەكلىك ماللارنى سېتىۋالغىلى ماڭدى. چى يۇڭشېڭنىڭ ئۆيى غۇلجا شەھىرى ئازات يولى كوچا باشقارمىسى ئالتە شۇئار مەھەللىسىدە بولۇپ، ھەر كۈنى ئاھالىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۇنىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندىكى دائىملىق ئىشى بولۇپ قالدى. كۆكتات سېتىۋېلىش، كۆكتات يەتكۈزۈشكە ئۈچ سائەت ۋاقىت كەتتى، ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ كەتتى، ئۇنىڭ مۇداپىئە كىيىمى ئىچىدىكى كىيىملىرى ئاللىقاچان تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

سائەت 14تە، چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان چى يۇڭشېڭ توپتىكى «چى ئاكا، ئۆيۈمدىكى سۇ تۇرۇبىسىدىن تۇيۇقسىز سۇ چىقىپ كەتتى» دېگەن ئۇچۇرنى كۆردى. چى يۇڭشېڭ قاچىسىنى قويۇپلا، رېمونت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەسىلىنى ھەل قىلدى.

47 ياشلىق چى يۇڭشېڭ ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال بىنا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق دىرېكتورى، بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر كۈنى 70 ئائىلە 200گە يېقىن ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلدى.

غۇلجا شەھىرى يۇقۇم مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە، چى يۇڭشېڭغا ئوخشاش ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن پىدائىيلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى. ئۇلار تامچە ـ تامچە سۇلاردەك يىغىلىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ پۈتمەس ـ تۈگىمەس كۈچ ـ قۇۋۋەت مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى.

«ئالتە شۇئار مەھەللىسى 118 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ۋە ئاھالىدىن پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللىدى، ئۇلار بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.» غۇلجا شەھىرى ئازات يولى كوچا باشقارمىسى ئالتە شۇئار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ يەنچىن مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، پىدائىيلار يەنە قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى پائال توپلاپ رەتلىدى.

«كۆپچىلىك بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلساقلا، غۇلجا شەھىرىنىڭ نورمال ھالىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.» غۇلجا شەھىرىدىكى پىدائىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم پىدائىي بولغان.

بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى 3178 كىشىلىك 255 پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار قوشۇنى، 7612 كىشىلىك 344 پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئۇلار يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)لەرگە ماسلىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

كورلا شەھىرى:

بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

«سىز خىزمەت بىلەن ئالدىراش، چوڭلارغا تاماق ئاپىرىپ بېرىش قولايسىز، ماڭا تېلېفون قىلىپ دەپ قويسىڭىز، چوڭلارغا مەن ئاپىرىپ بېرەي».

«كۆپ رەھمەت، سىلەرنى يەنە ئاۋارە قىلسام بولمايدۇ».

بۇ، 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتە، كورلا شەھىرى ئاھالىسى ياڭ يۇڭخۇڭنىڭ جىنكۇن فېڭسەييۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق قېيىنئاتىسىغا چۈشلۈك تاماق ئاپىرىپ بەرمەكچى بولغاندا، بۇ ئولتۇراق رايوندا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كورلا شەھىرى يۇڭئەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شياۋدۇڭ بىلەن قىلىشقان پارىڭى ئىدى.

كورلا شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا تەشەببۇسنامە» چىقىرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. نۆۋەتتە، 1200دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلاشتى.

«بىز پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتىدىن 210نى تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئىش ئورنىدىن 3100دىن ئارتۇقنى تەسىس قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش داۋامىدا سالاھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا چاقىردۇق. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي گەۋدە، پىدائىيلارنى تولۇقلىما قىلغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىمىز» دېدى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يەنفېي.

ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىش ئورنى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا، كورلا شەھىرى يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار زەربىدار ئەترىتىدىن 14نى تەشكىللىدى، ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىدىن 24نى قۇردى. «مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى + تۆۋەنگە چوڭقۇر چۆككەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار + پىدائىيلار» شەكلىنى قوللىنىپ، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلاشتى.

8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتە، كورلا شەھىرى بەيجيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، كورلا شەھەرلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ كادىرى خەن خەيلۇڭ بىلەن كورلا شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كادىرى يەن چاۋ ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شۇ چاغدا تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن بولۇپ، قاتمۇقات مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن خەن خەيلۇڭنىڭ پېشانىسىدىن توختىماي تەر ئېقىپ تۇراتتى.

نۆۋەتتە، كورلا شەھىرى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيا زاپىسىنى يېتەرلىك تەييارلىدى ھەم ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەپ، ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۈرلۈك يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى تەمىنلىيەلەيدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان، ئىشقا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كورلا شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

بورتالا شەھىرى:

مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسى تەييارلاپ، ئىللىق، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلدى

يېڭى كۆكتات، سۈت، مېۋە ـ چېۋە... 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، بورتالا شەھىرى چىڭدالا كوچىسىدىكى 460 نەپەر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىلىرىنى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار «تېز يوللانما خادىمى» بولۇپ ئېلىپ كەلگەنىدى.

«مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسىنى ئۆيىمىزگە يەتكۈزۈپ بەردى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار!» دېدى چىڭدالا كوچا باشقارمىسى خۇڭشىڭ يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى يۈگاڭ.

«ھازىر ئالاھىدە مەزگىل، ھەربىر كىشىگە ئاسان ئەمەس، بىز مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسى ئارقىلىق، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ھەربىر ئاممىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.» چىڭدالا كوچا باشقارمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: چىڭدالا كوچا باشقارمىسى مال يۆتكەش، ئاپتوموبىل كاپالىتى، خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە، 460 ئۈلۈش مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسى ئاھالىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.

8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن بۇيان، بورتالا شەھىرىدىكى ھەرقايسى كوچا باشقارمىلىرى، يېزا ـ بازارلار، كارخانىلار يۇقۇم مەزگىلىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سالمىقىنى زورايتتى، قىممىتى 620 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان 14 مىڭ ئۈلۈشتىن ئارتۇق مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسىنى سىجىل تارقىتىپ، ئاممىغا ھۆكۈمەت ۋە مېھىر ـ شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلدۇردى.

بورتالا شەھىرى گۇلىمتۇ كوچا باشقارمىسى چيەنجىن مەھەللىسىدىكى يالغۇز تۇرىدىغان موماي ۋاڭ شيۇجېنمۇ مېھىر ـ شەپقەت سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ يوغان بىر بولاق يېڭى مېۋە ـ چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندى، «مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا كۆپ رەھمەت، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، بىز پۇقرالارنىڭ قەلبى ناھايىتى ئىللىقلىققا تولدى» دېدى ۋاڭ شيۇجېن.

(مۇخبىر گو چيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يىمىڭ، بارشا تېگېس، دۇ جيەنخۇي، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ما چېڭلۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.