تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىندى، كەمتۈكلۈك ۋە مەسىلىلەر تەھلىل قىلىندى، كېيىنكى قەدەمدىكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇشقا سىجىل كۈچەش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تارقىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كەسكىن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە 9 ـ نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسىدىكى تەلەپلەر بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئېنىق تونۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، تېخىمۇ زور خىزمەت سالمىقى بىلەن، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سەل قارايدىغان، بىپەرۋالىق قىلىدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارايدىغان روھىي ھالەتلەرنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ھازىرقى خىزمەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە جەزمەن زىممىگە ئالىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، پۇختا، قەدەم ـ باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە، ھەر يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىرىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خىزمەتتىكى كۈچەش نۇقتىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەردە ئەڭ زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ «تېز» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تېز تەكشۈرۈش، تېز ئايرىپ چىقىش، تېز يۆتكەش، تېز ئايرىۋېتىش، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان بارلىق خادىملارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاسقاپ تەكشۈرۈپ چىقىش، تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەش كېرەك؛ ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ۋە باھالاپ، 9 ـ نۇسخىدىكى داۋالاش لايىھەسىدىكى تەلەپلەر بويىچە، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى تەڭ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تولۇق يۆتكەپ تەقسىملەپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش، ئايرىۋېتىش ۋە يۆتكەش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش، پۈتۈن ھالقىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولۇپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، يۇقۇمنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پۇختا مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىقتىدار ـ قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ سالمىقى ۋە سۈرئىتى بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە ھارارىتى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئون ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇش»تىن ساقلىنىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، قالايمىقان ئىش قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، قاتتىق، ئىنچىكە، چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىش، شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىق ۋە مىخ قېقىش روھى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ھەربىر تۈرلۈك تەدبىر، ھەربىر ھالقىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، جياۋ شياۋپىڭ، جاڭ ۋېنشېڭ، لى شۈ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، تۇەن ـ مەيدانلاردا ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.