7-نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا، ئالاتاۋ شەھىرى نۇقتىلىق تۈرلەرنى دەل جايىدا تاللاش، كۆرگەزمە رايونىغا سودىگەر تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئالغا سلجىتىپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئەڭ ياخشى پورت قىياپىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشتى.ئالاتاۋ جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىم ئالاتاۋ شەھىرىگە ۋاكالىتەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى. دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت مەۋقەنى پورتنىڭ رايون ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سىياسىتىنىڭ گىرەلىشىش ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېشىل، زىيانسىز قازاقىستان بۇغدىيىنى ئىمپورت قىلىپ پىششىقلاپ، مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى. شىركەت بۇ قېتىمقى جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چىڭ تۇتۇپ، بازارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتا يەنىمۇ كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى چەت ئەل بازارلىرىدا ساتىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرلار تا نا، شۈ چاۋ
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى