تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تېز قاراڭ، ئاچچىقى يامان ئوماق كىچىك مولۇن كېلىۋاتىدۇ

  

ئوماق مولۇن ئاسلىنى.

   ئانار بۇلۇت ياز كۈنلىرى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىنىڭ جايىر تېغىدىكى تاغلىق رايونىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ئادىشىپ قالغان بىر مولۇن ئاسلىنىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى، مولۇن ئاسلىنى ئىنتايىن ئوماق بولۇپ، خۇددى دومىلاپ كېتىۋاتقان يۇڭ توپقىلا ئوخشايتتى، كىشىنىڭ تولىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. مولۇن مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قۇملۇق، چۆللۈك، يايلاق ياكى چۆل-باياۋانلاردا ياشايدۇ، سوغۇق، ئۈنۈمسىز مۇھىتقا ماسلىشالايدۇ، دائىم تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىدا ياكى سۇغۇر ياشىغان ئۆڭكۈردىن پايدىلىنىپ ئۇۋا ياساپ يالغۇز ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولى ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋايى ھايۋانلار تۈر توپىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، بارغانسېرى كۆپ ياۋايى ھايۋانلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

 

قىياپىتى ئوماق مولۇن ئاسلىنى.

  ئويناۋاتقان مولۇن ئاسلىنى.

  (تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن چاڭ ديەنشۆ)

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.