ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ):8– ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كې مىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئومىكېرون BA.5.2 ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، بۇ خىل ۋىرۇس تۈپى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىممۇنىتېتلىق قېچىش ئىقتىدارىغا، تېخىمۇ كۈچلۈك تارقىتىش كۈچىگە، تېخىمۇ تېز تارقىلىش سۈرئىتىگە ئىگە بولۇپ، يۇقۇم يۈز بېرىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك يوشۇرۇنچان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شەھىرىمىزدە تۇنجى مۇسبەت بولغان ئاغرىق مىسالى بايقالغاندىن تارتىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نۇرغۇن مۇسبەت كىشىلەر بايقالغىچە، پەقەت قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، كۆپ زەنجىرلىك يانداش بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى نۇرغۇن رايون (ناھىيە) لارغا تەسىر كۆرسەتتى. تۈنۈگۈن، بىر كۈندىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 27گە يەتتى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كەسكىن!
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى