تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 3ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 8- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 14كىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 3ى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنى خېسۇەن تەكشۈرۈشتە بايقالغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.