تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇي 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا سىن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىندى، ھۆكۈم قىلىندى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇم ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشنى ھازىرقى خىزمەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، كۈچلۈك، تېز، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، «تېز» بولۇشقا كۈچەپ، «ئەمەلىي» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى يوقىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۈچلۈك قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال، تۆۋەن رايونلارنى ئىلمىي ئايرىپ، ۋاقىت، ۋەزىيەت، ھەر يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەش كېرەك؛ خېسۇەن تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان خادىملارنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ تېپىش، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش كېرەك؛ تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول قاتارلىق جايلاردا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. قاتتىق، ئىنچىكە، چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «تۆت بالدۇر» بولۇش تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئادەم، نەرسە، مۇھىتتىن تەڭ مۇداپىئەلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پورتنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، پۇختا مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ مەھەللىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى دەل جايىدا، ئىنچىكە، ياخشى باشقۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋاقتىدا، ئوچۇق، ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمغا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئېلان قىلىپ، پائال چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، جەمئىيەت ئاممىۋى پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك؛ ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتى خىزمىتىنى ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى زىچ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، پوزىتسىيەدە تېخىمۇ قەتئىي، ھەرىكەتتە تېخىمۇ تېز، تەدبىردە تېخىمۇ ئۈزۈل - كېسىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم بايقالغان ھامان تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، ھەم ئالدىراقسانلىق، قاراملىق قىلماسلىقى، ھەم قورقۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەي تۇرۇۋالماسلىقى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، سەھىيە - ساغلاملىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تارماقلار زىچ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تۈرلۈك ئاپەتلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، ليۇ سۇشې، جياۋ شياۋپىڭ، لى شۈ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن، مەيدانلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.