ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 8-ئاينىڭ 10- كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 4ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئىلگىرى دوكلات قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بولۇپ، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، بىرى يۇقۇمغا چېتىشلىق رايوندىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.