تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8- ئاينىڭ 10- كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى. خەۋىرى قومۇل شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0دىن سائەت 14كىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى، باشقۇرۇپ- تىزگىنلىنىۋاتقان رايوندىكى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

    نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.