ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0دىن 15كىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنى خېسۇەن تەكشۈرۈشتە بايقالغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.