تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش

​− جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى (2)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

شىنجاڭ كۆيدۈرگۈچى ئىشقار زاۋۇتى، خىلور - ئىشقار زاۋۇتىدىن تەرەققىي قىلىپ شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ قۇرۇلغىچە 60 نەچچە يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيا دەرىجىلىك كارخانا گۇرۇھىغا ئايلاندى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىش بىلەن بىللە، يەنە كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى مۇھىتقا تاياندى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈنلۈك رايونغا ئايلاندى. بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى ئەلا بولۇپ، ھۆكۈمەت بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتمەكتە.

مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى بارلىققا كەلتۈرۈش

ۋاقىتنى 2004 - يىلىغا سۈرسەك، شىنجاڭ خىلور - ئىشقار زاۋۇتىدا (جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئاساسى) بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، كالتسىي كاربىد ئۇسۇلى ئارقىلىق پولىۋىنىل خىلورىد (PVC) ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيە يولى بېكىتىلدى.

«كالتسىي كاربىد ئۇسۇلى ئارقىلىق PVC ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ئاساسلىق خام ماتېرىيال كالتسىي كاربىد، كۆمۈر ۋە تۇز بولۇپ، بۇ تېخنولوگىيە يولىنى تاللاش جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سالمىقى، كەسىپ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان قارارى» دېدى جۇڭتەي گۇرۇھى يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يىن جيې مۇخبىرغا.

نۆۋەتتە، جۇڭتەي گۇرۇھى كۆمۈرنى ئاساسىي خام ماتېرىيال قىلغان خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ھەر يىلى توك چىقىرىش، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 12 مىليون توننا كۆمۈر سەرپ قىلىدۇ، خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيالى قىلىش ئۈچۈن 5 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلىتىدۇ، بۇ كۆمۈرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن چىقىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى يۈنخۇا مۇنداق دېدى: «دەل شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكى بولغانلىقتىن، كارخانىمىزنىڭ مەركەزلەشكەن كۆلەملىك ياسىمىچىلىقى بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازاردىن يىراق بولۇشتەك پايدىسىز ئەھۋال بەلگىلىك دەرىجىدە تۈگىتىلىپ، كارخانىمىزنىڭ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە ياردىمى بولدى».

شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقى توپلانغان رايون، كۆمۈر كۆزلىمە زاپىسى مەملىكەت بويىچە %40نى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 181 مىليون 484 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى كاپالىتىگە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشىغا تىرەك بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى زاپىسى مول، شامال ئېنېرگىيەسى زاپىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ يىللىق رادىياتسىيە ئومۇمىي مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرى بويىچە ئىش باشلىدى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا بار بولغان ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكى سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، تەسىر كۈچى بار چوڭ كارخانىلار ئاسان بارلىققا كېلىدۇ».

ئاپتونوم رايون نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرمەكتە، زورايتماقتا. ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ تەرەققىياتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئېنىقكى كارخانىلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىساد چەمبىرىكى ۋە ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت بېكىتكەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى. ئاپتونوم رايون «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يادرولۇق رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى. «يادرولۇق رايوننىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى شىنجاڭ كارخانىلىرىنى ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازارنىڭ قولايلىقلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى بۇھەجەر ئابلا.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

بۇ مەزگىلدە، يىن جيېنىڭ خىزمىتى ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەككىز پەن - تېخنىكا تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە يولغا قويغان 23 مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق كۆردى...

«ئىلتىماس قىلىنغان تۈر سانى ۋە خىراجەت مەدىتى زور دەرىجىدە ئېشىپلا قالماي، پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارماقلىرى تېخىمۇ پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كۈچلىرىگە ماس ھالدا، پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى.» يىن جيې مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى تېخنولوگىيە، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشىغا پايدىلىق.

كارخانىلارنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا پىلانى تۈرلىرىدە كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق سالمىقىنى زورايتىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى... 5 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئائىت 26 ماددىلىق تەدبىر» دېيىلدى)دە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇلدى.

قانچە تەرەققىي قىلمىغان رايون بولسا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق. بۇ يىل 4 - ئايدا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنى ئاچقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىغا بولغان تونۇش بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئېچىلغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى − كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش» ئاكادېمىكلار مۇنبىرىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىلىم - پەن تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: «ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەك بولۇشىغا تېخىمۇ تەخىرسىز ئېھتىياجلىق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق».

مۇنبەردە، 100دىن ئارتۇق ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى سۆزلەپ، تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويدى؛ مۇنبەر ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئاكادېمىكلار شىنجاڭ سەپىرى»گە قاتناشقان ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ئېتىز باشلىرىغا، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى... ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەقلىي كۈچ بايلىقى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇش، كىرگۈزۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلانماقتا.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى قوغداش

4 - ئايدا، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كارخانىسى − گۇاڭجوۋ تېببىي دورا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، گۇاڭجوۋ تېببىي دورا گۇرۇھىنىڭ ماركا، بازار، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەۋزەللىكى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىسى ئالتاينىڭ تېببىي دورا، ساغلاملىق كەسپىگە كىرگۈزۈلۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل تېببىي دورا، ساغلاملىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

بۇ، «يىپەك يولى گۇاڭدۇڭ سودا سەپىرى − شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ياخشى جايغا كېلىش» بويىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق كارخانىلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. گۇاڭدۇڭدىكى 15 داڭلىق كارخانىچى شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلدى، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون كارخانىچىلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى شىنجاڭغا كېلىپ تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش.

بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى توپلاشنىڭ ئاساسى، ئاپتونوم رايون دىققەتنى مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ قولاي، راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

مۇشۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى:

− دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى قوللاپ، دۇنيادا 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى يېتىشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دۇنيادا 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم كارخانىلارنى تىرىشىپ قۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

− پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قوللاش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل «يۆگىمە ئىشىك» «ئەينەك ئىشىك» «ئايلانما ئىشىك»لەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كاشىلا قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە بېسىمنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.

ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى قوغدىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى 2 مىليون 215 مىڭ (بىڭتۇەندىكى 224 مىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.64 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.