تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. سۈرەت ⑪ | ئاشۇ تاغلار، ئاشۇ دەريالار، ئاشۇ كىشىلەر، ئاشۇ «زېرەكچاقلار»

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى، قايدۇ — كۆنچى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا كىرگىنىمىزدە، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلار، كەڭ كەتكەن سۇلۇق يەرلەر، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان جىلغىدىكى ئېقىنلار، تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، يەنە ئۇلارنى تەتقىق قىلىدىغانلار بار بولۇپ، ئۇلار بۇ يېشىللىققا تولغان دەريا جىلغىسىدا بىرلىكتە ياشاپ، گۈزەل ئېكولوگىيە «سىمفونىيەسى»نى پۈتۈۋاتاتتى.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاققۇلار خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئوزۇق ئىزدىمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىر توپ ئۇچار قۇش خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ يېنىدىكى تاشيولدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، «چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا» تېمىسىدىكى تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوغدىلىدىغان رايوننى 54 نۇقتىدىن سىنلىق كۆزىتىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى كۆرمەكتە.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تېلېسكوپ ئارقىلىق قۇشلارنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق بازىرىدىكى بىر چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ خىزمەتچىلىرى كىگىز ئۆي تەييارلاپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق بازىرى چارۋىچىلار ئارامگاھى بازىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر ( ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). 

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، تۈرلۈك سۇ قۇشلىرى خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئوزۇق ئىزدەپ، پەرۋاز قىلىپ، سۇ ئۈزمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى بايىنبۇلاق ئوتلىقى ئېكولوگىيە سىستېمىسى تەتقىقات پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئادىل مادى تەتقىقات پونكىتىدىكى يەنمەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.