7-ئاينىڭ ئاخىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى جۇڭيى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان 4500 مو يەردىكى ئۈزۈم ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر باراڭغا تولغانىدى، دېھقانلار تولۇق، ياخشى پىشقان ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان ئۈزۈمنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 1700 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى