تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خاڭجۇ-ئاقسۇدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەرنىڭ تۇغقانلىشىش خاتىرىسى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ شياۋشياۋ، فېڭ يۇڭ) «تەلپۈنگەن شىنجاڭ سەپىرىم ئاخىرى ئەڭ گۈزەل پەسىلدە باشلاندى، تومۇز ياز پەسلىدە شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى ئىنتايىن گۈزەل، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان ئىكەن، يول بويى بىز شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق!» دېدى خاڭجۇ شەھىرىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋەكىلى لۇ جيەنفاڭ چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا.

تۇرغۇن سۇلايماننىڭ نەۋرىلىرى لۇ جيەنفاڭنىڭ كىچىك ئوغلى (ئوڭدىن ئۈچىنچى) بىلەن ھويلىدا ئوينىماقتا.

خۇ شياۋشياۋ فوتوسى

    7-ئاينىڭ 24-كۈنى، «خاڭجۇ-ئاقسۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر نىيەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدىكى تۇغقان يوقلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى، خاڭجۇدىكى توققۇز «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋەكىلى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئاقسۇغا كېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى.

   ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» «ئەڭ گۈزەل قەلبداشلار ئورمىنى» تېمىسىدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. لۇ جيەنفاڭ ئائىلىسىدىكىلەر قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا گۇۋاھ بولىدىغان قەلبداشلار دەرىخىنى ئۆز قولى بىلەن تىكتى.

   كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئاياغلىشىشى بىلەن، تۇرغۇن سۇلايمان ئائىلىسىدىكىلەر لۇ جيەنفاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاراتال بازىرى سات كەنتىدىكى تۇرغۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، لۇ جيەنفاڭ ئۈزۈم، ئالما، شاپتۇل، ئالۇچا، ئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىك باغقا لىق تولغانلىقىنى، باقمىچىلىق رايونىدا يەنە كالا، قوي، توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ بېقىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى... ئۇ تۇرغۇن سۇلايمان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باياشات، مول ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

   لۇ جيەنفاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، تۇرغۇننىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى، بەش نەۋرىسىنىڭ ھەممىسى كەلگەنىدى ھەم بالدۇرلا مېۋە-چېۋىلەرنى ئۈزۈپ، قوي گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ، داپەنجى قورۇپ، لەڭمەن ئېتىپ... يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالدى.

   تۇرغۇننىڭ نەۋرىسى لۇ جيەنفاڭنىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن تەڭتۇش ئىدى، ئۇلار تېزلا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەتتى، ھويلىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنىمۇ قويماي يۈگۈرۈشۈپ ئويناشتى.

   تۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى، ئۇ ياش ۋاقتىدىلا ئۆگىنىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، ئىجتىھات بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن كەنتتىكى 150 مو قاقاسلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، كېۋەز، نەشپۈت، چىلان، ياڭاق تېرىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بېيىش بىلەن بىللە، ئۇ ئاممىنى ئۇنتۇپ قالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە باغ-ئورمان تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى. 2012-يىلىغا كەلگەندە، سات كەنتىنىڭ باغ ـ ئورمان كۆلىمى 5700 موغا يەتتى. كىچىك ئوغلى ئالىم تۇرغۇنمۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، ھازىر ئۇ كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇلار يەنە ئۆز ئۆيىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتى بازىسى قىلىپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى پائال خىزمەت قىلىشقا، يېڭى ماھارەت، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.

   لۇ جيەنفاڭنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرغۇن ئاتا-بالا پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىكەن.

    يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دېھقان ھويلىسىدا كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تۇرغۇن ئائىلىسىنىڭ سەمىمىي، ئاددىي-ساددىلىقى ۋە قىزغىنلىقى لۇ جيەنفاڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى، خۇددى كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزاق بولغان تۇغقانلار يەنە جەم بولغاندەك، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدىغان سۆزلىرى، ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان ھېسسىياتى بار ئىدى، مۇڭداشقانسېرى تۇغقانلىق رىشتىسى تېخىمۇ چىڭىپ، تېخىمۇ يېقىن قەدىناسلاردىن بولۇپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.