تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭدا ئاسمىنى كۆك كۈنلەر تېخىمۇ كۆپەيدى

2022 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى:​

شىنجاڭدا ئاسمىنى كۆك كۈنلەر تېخىمۇ كۆپەيدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 2022 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %74.6 بولغان، PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 31 مىكرو گىرام\كۇب مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.4 تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %1 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن... تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭدا ئاسمىنى كۆك كۈنلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن.

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «مۇھىت قوغداش قانۇن - نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قانۇن بويىچە قوغداش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئايشەم يۇنۇس 2022 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «مۇھىت قوغداش قانۇن - نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قانۇن بويىچە قوغداش»نى باش تېما قىلىپ، 2022 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت قوغداش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەن.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى سەككىز ناھىيە (شەھەر، رايون) ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 42 ئورۇندا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ھەم يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 2 - قېتىملىق مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان 14 ئورۇننى ئارىلاپ تەكشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەنە باشقا توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، بىڭتۇەندىكى سەككىز شى (شەھەرلىك) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى(خىزمەت كومىتېتى)غا ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلانغان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەتنىڭ باھالىشىغا كىرگۈزۈلگەن يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈزىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى نىسبىتى %94.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان؛ تۇپراقنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

ئايشەم يۇنۇس مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەۋەر قىلماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق، ئۇدۇل نەق مەيدانغا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، دىققەت مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى ھەمدە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ تەكشۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىز قوغلاپ كۆزدىن كەچۈرۈش، جەمئىيەت باھالاش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش قاتارلىق كۆپ خىل نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە كۈچ قوشۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.