7-ئاينىڭ 30-كۈنى، شۇاڭلۈەن رايونى داگۇيكۇ كەنتىدە تارتىلغان ئۆزگەرتىپ سېلىنغان تۇرالغۇلار (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
ۋاڭ لىچۈن فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرى شۇاڭلۈەن رايونى بيەنچياۋزى بازىرىنىڭ داگۇيكۇ كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، شۇ جاينىڭ ياخشى بولغان تەبىئىي مۇھىتى ۋە شەھەرگە يېقىن بولغان شەھەر ئەتراپىدىكى رايون بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكى قۇرۇش، كەنت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېسىل ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش»تەك كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى شۇاڭلۈەن رايونى داگۇيكۇ كەنتىدىكى ليەنخۇاشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
7-ئاينىڭ 30-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شۇاڭلۈەن رايونى داگۇيكۇ كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى