تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۆگىقۇش باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرىنىڭ گاۋ چياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان تۆگىقۇش بالىسى.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى 

    «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى «پارتىيە قۇرۇلۇشى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى تۆگىقۇش باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «يېتىشتۈرۈش ـ بېقىش ـ پىششىقلاش ـ سېتىش» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بازىسىنى قۇرۇپ، گۆش، تۇخۇم، تېرە، يۇڭ قاتارلىق تۆگىقۇش مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتى. ھازىر، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق تۆگىقۇش قوتان قالدۇقى 2000دىن ئارتۇق بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. 

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. 

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋ چياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى تۆگىقۇش قوتىنى ئەتراپىدىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى تازىلىماقتا. 

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋ چياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا. 

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچى قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋ چياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تۆگىقۇشقا يەم بەرمەكتە. 

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچى قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋ چياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا.

 ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى 

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋ چياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا.

 ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.