تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈچ توپلاش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈچ توپلاش كېرەك

​لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى   لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى   ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيەمىز بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تارىخىي ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشتىن ئىبارەت سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى توپلاشتىن ئىبارەت.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ باش لۇشيەنى، باش سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن بىرلىك سەپ خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بىرلىك سەپتە ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، جانلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى شەكىللەندۈردۇق، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئاساسلىقى − جەزمەن بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، جەزمەن كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، جەزمەن پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك، جەزمەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، جەزمەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مەملىكەت سىرتى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، جەزمەن پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، جەزمەن بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ بىرلىك سېپىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىق، كۈچ سېلىشتۇرمىسى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ، ئەڭ چوڭ سىياسىي. بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش، ھەل قىلىدىغىنى كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچ مەسىلىسى. ئاچقۇچلۇقى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىتتىپاقلىق - تەنقىد - ئىتتىپاقلىق»تىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا بىردەكلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش كېرەك. بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىرلىك سەپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرلىك سەپ خىزمىتى پۈتۈن پارتىيەنىڭ خىزمىتى، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىك ئورتاق ئىشلەپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باش بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر بىرلىك سەپ دۇچ كەلگەن ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت، زىممىسىگە ئالغان بۇرچ ۋە ۋەزىپىدە بەزى مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە، بىرلىك سەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى رولى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىرلىك سەپنىڭ مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى رولى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، بىرلىك سەپنىڭ پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىشتىكى رولى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا. بىز يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپ ئىتتىپاقلىق سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ گۈللىنىدۇ. جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، چەمبەر مەركىزىنى چىڭ ساقلاش بىلەن ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئوخشاش بولمىغان پارتىيە - گۇرۇھلار، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان توپ، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاد ھەمدە ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدە ياشاۋاتقان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. يوشۇرۇن نەتىجە بىلەن ئاشكارا نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پىرىنسىپاللىق بىلەن جانلىقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، فاڭجېن، سىياسەتلەرنىڭ پىرىنسىپاللىقى بىلەن چارە - تەدبىرلەرنىڭ جانلىقلىقىنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش، ھەم سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش، ھەم كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىش، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىتتىپاقلىق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش، يەنە كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يىمىرىلمەس ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالاقىدار مۇھىم قانۇن - نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى، مەركەز شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، جانلىق - جۇشقۇن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس، ۋەتەننى سۆيۈپ كۈرەش قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىپ، تالانتىنى نامايان قىلىشى ۋە غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. مەملىكەت سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تور بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تور ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ نېگىزى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەڭ قول سېلىپ ئىشلەيدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بىرلىك سەپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بىرلىك سەپ تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسلىھەت بېرىش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىرلىك سەپ كادىرلىرى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، خىزمەت سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، بىرلىك سەپ تارماقلىرى ۋە بىرلىك سەپ كادىرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىنتايىن مۇھىم. سۆزدە 100 يىللىق بىرلىك سەپنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىرلىك سەپ خىزمىتىدە شەكىللەنگەن يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەر سىستېمىلىق بايان قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي ۋەزىپە، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، سىياسەت - تەدبىرلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ئىزاھلانغان، بۇ، چوڭقۇر تارىخىي كۆزىتىش ئىقتىدارىغا، مۇھىم نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە، قۇدرەتلىك ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۈمىدنى يەردە قويماي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتا ئۈلگە بولۇپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، جانلىنىش ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىجادىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان بىرلىك سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر پارتىيە كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.