تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

خۇاڭ كۇنمىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  خۇاڭ كۇنمىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىسىدىن قايتماسلىقتەك قەيسەرلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى نامايان قىلدى، گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشىنى پىلانلاش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى، جەزمەن قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا سۆزنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  خۇاڭ كۇنمىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋر ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋر روھىي كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىقات تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگو خىسلىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى تەشكىللەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كىشىلەرنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.