تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا | يەكەن دەرياسى كاچۇڭ سۇ باشلاش تۈگۈنى

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدىكى يەكەن دەرياسى كاچۇڭ سۇ باشلاش تۈگۈنىگە نەزەر سېلىش (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

     يەكەن دەرياسى كاچۇڭ سۇ باشلاش تۈگۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ سۇ باشلاش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى زور، ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئەزەلدىن «شىنجاڭدىكى دۇجياڭيەن توسمىسى» دەپ نامى بار، بۇ قۇرۇلۇش تىزگىنلەيدىغان سۇغىرىش كۆلىمى 3 مىليون 400 مىڭ مو بولۇپ، 13 سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ باشلاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يەتتە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش، سۇ باشلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدىكى يەكەن دەرياسى كاچۇڭ سۇ باشلاش تۈگۈنىگە نەزەر سېلىش  (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، تارىم دەرياسى ۋادىسى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى كاچۇڭ سۇچىلىق تۈگۈنى باشقۇرۇش پونكىتىدىكى كاچۇڭ سۇ باشلاش تۈگۈنىنىڭ قۇم مودېلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.