تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا» تېمىسىدىكى تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا» − تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش پائالىيىتى 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى باشلاندى. پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا يېتىپ باردى، كېيىنكى 20 كۈندە ئۇلار كەڭ ئابۇنىچىلار ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ھالدا، تولۇق كۆرۈش بۇلۇڭىدىن، پۈتۈن تاراتقۇ بويىچە «تارىم دەرياسى سەپىرى»نى باشلايدۇ.

  تارىم دەرياسى ئەڭ ئۇزۇن ئېقىن مەنبەسى بولغان يەكەن دەرياسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2486 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى. ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، تىيانشان تاغ تىزمىسى ۋە قاراقۇرۇم تېغىدىن باشلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىنى بويلاپ، ئاقسۇ، شايار، كۇچا، بۈگۈر، كورلا، لوپنۇر قاتارلىق ناھىيە(شەھەر)لەردىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېتىما كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، ۋادىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %61.4ىنى ئىگىلەيدۇ.

  سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەندىكى كۆپلىگەن شى، شەھەرنى قاپلىغان تارىم دەرياسى ۋادىسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى رايونى، بوستانلىق جايلاشقان رايون، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنداقتا ۋادى ئىچىدىكى سۇ بايلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى قانداق؟ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئەھۋالى قانداق؟ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق مەنبە ئېقىنلىرىنىڭ بىرى بولغان يەكەن دەرياسىدىن باشلاپ، دەريا بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىپ، تەرتىپ بويىچە يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، قايدۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تېتىما كۆلىگە يېتىپ بېرىپ، سۇ ئىزدەپ، سۇ كۆرۈپ، سۇ سۈرۈشتۈرۈپ كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «روناق تېپىش دەرياسى» «ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل دەريا» «گۈللىنىش دەرياسى»نى باش تېما قىلىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، تەبىئىي ئادىمىيەت گۈزەللىكى، ئېكولوگىيەنى تۈزەش نەتىجىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەتراپلىق خەۋەر قىلىنىدۇ.

  بىز جانلىق يېزىقلار، رەڭدار كۆرۈنۈشلەر، يېڭىچە سىنلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئۇنىۋېرسال نامايان قىلىپ، ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تارىم دەرياسىنى تۈزەش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يېڭى دەۋردىكى تارىم دەرياسىنى تۈزەش تەپەككۇرى ھەمدە ۋادى ئىچىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) يۇغۇرما خەۋەر قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەۋەر قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىسقا سىن، مۇخبىر VLOG، ئانار سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش، كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدىكى ئۇزۇن رەسىم، H5، قولدا سىزىلغان كارتون قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى سىجىل ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تارقىتىش، كۆپ سۇپىدا نامايان قىلىش، كۆپ تېرمىنال ئارقىلىق يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىزگە ئۆزگىچە بىر تارىم دەرياسىنى نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.