تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

تەتىلدە قوشۇمچە ئىشلىگەندە، بۇ تۆت خىل توردا خىزمەت ئىزدەش ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇڭ!

  ھازىر، دەل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەيدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپتىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تەتىلدە قوشۇمچە خىزمەت قىلىشنى تاللايدۇ.

  يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى تۆت خىل توردا خىزمەت ئىزدەش ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى.

  بۇ تۆت خىل توردا خىزمەت ئىزدەش ئالدامچىلىقى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

  بىرىنچى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ساختا زاكاز بۇيرۇتۇشنىڭ ئېزىقتۇرۇشچانلىقى زور

  قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «كۇنۇپكا تاختىسىنى چەكسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېگەن نام بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە كىرىشكە ئازدۇرىدۇ، دەسلەپكى بىرنەچچە قېتىمقى زاكازدا پۈتۈشكەن بويىچە ئىش ھەققى بېرىپ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ، ئاخىرىدا يەنە «ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىدى»، «زاكاز چۈشمىدى» قاتارلىق ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پۇلنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى داۋاملىق ساختا زاكاز بۇيرۇتۇشقا قايمۇقتۇرىدۇ. ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، توردا ساختا زاكاز بۇيرۇتۇش ئەسلىدىنلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، مەبلەغ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى توردا ساختا زاكاز بۇيرۇتۇشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، توردىكى شاخلىتىپ سېتىش كۆز بويايدىغان ئالدامچىلىق

  توردا شاخلىتىپ سېتىش ئالاقە تورى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىدىغان، بىرقەدەر ئەنئەنىۋى شاخلىتىپ سېتىش بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى دائىم يۇقىرى، چېتىلىدىغان ئامما تېخىمۇ كۆپ، يوشۇرۇنۇشچانلىقى ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن توردا شاخلىتىپ سېتىشتا ئۆزىنى قانداق نىقابلاشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ مەقسىتى يەنىلا يېڭى كىشىلەرنى بوسۇغا ھەققى تاپشۇرغۇزۇش، ئادەم قوبۇل قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتلام، دەرىجە بويىچە پىرسەنت ئايرىش. ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن خىزمەت مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىنى ياخشى ئىگىلەپ، شاخلىتىپ سېتىش گۇمانى بارلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال رەت قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، «ئىككى كارتا»نى ئېلىپ سېتىشقا بولمايدۇ

  «تېلېفون كارتىسى» بىلەن «بانكا كارتىسى» تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەتچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىش، زاڭ پۇلنى يۆتكەشتىكى مۇھىم قورالى بولۇپ قالدى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار «ئىككى كارتا»نى قانۇنسىز ئېلىپ سېتىشتىكى مۇھىم توپلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، «ئىككى كارتا»نى ئېلىپ سېتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، «ئازراق پايدىنى كۆزلەش»، «ئاسانلا كۆپ پۇل تېپىش» پىسخىكىسىدا بولماسلىق كېرەك.

  تۆتىنچى، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش تور بېكىتىدە قالايمىقانچىلىق كۆپ

  قىسمەن توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش سۇپىلىرىدا قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈز بەرمەكتە، پەقەت سىناپ ئىشلىتىپ، خىزمەتكە قوبۇل قىلماسلىق، ئىش ئورنىغا چىقماي تۇرۇپ ئاۋۋال ھەق تاپشۇرۇش، مائاش تەمىناتىنى كۆپتۈرۈپ ئېيتىش، ئىش ئورنى تەسۋىرلەش ئەمەلىي بولماسلىق، ئەمگەك نەتىجىسىنى ئوغرىلىۋېلىش، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈلمەكتە. ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش سۇپىسى ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىغا ئالدىراپ پۇل تاپشۇرماسلىق، ھەم سالاھىيەت ئۇچۇرىنى خالىغانچە سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق كېرەك.

  پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.