تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا كۈچەيتىلدى، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئۆز جايىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز جايىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى، تۈزىتىشى كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم دەريا، سۇ ئامبارلىرى، نۇقتىلىق شەھەرلەر ھەم مۇھىم ئەسلىھەلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تۈرلۈك ئوت ئاپىتى ۋەقەلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش، تەڭشەش ۋە قوغداشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى، دالا مەشغۇلاتى، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز ئامىللىرىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تومۇز ئىسسىقتىن مۇداپىئە كۆرۈش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئاھالىلەر بىخەتەر سۇ ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.