تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھەم تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يىللىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيەت خاسلىقىنى قېزىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇچۇرنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا بولغان مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل بەرپا قىلىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.