تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، پورتلاردىكى ئالدىراش چېگرا ھالقىغان سودا... تارىخنىڭ زامان - ماكان بوشلۇقىدا كولدۇرمىنىڭ يىراققا تارالغان ياڭراق ئاۋازى زامانىۋى شەكىلدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قايتىپ كەلمەكتە. قەدىمىي يىپەك يولى يېڭى دەۋرنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى چاقنىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ غەيرەت - شىجائىتىنى ئۇرغۇتماقتا.

«دۆلىتىمىزدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يېڭى ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كىشىلەرنىڭ راۋان سەپەرگە چىقىشى، ماللارنىڭ راۋان توشۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۈرلۈك ماللار قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا يولغا چىقىپ، قازاقىستانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئالاتاۋ ۋوگزالى ۋە قورغاس ۋوگزالىدىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانى تەدرىجىي كۆپەيدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ ئىككى پورت ۋوگزالىدىن قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز 6195كە يېتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول پورتىدا قاتناش رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى، نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولى قوش پورتىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ مۇقىم لىنىيەسى 57گە يېتىپ، ياۋروپا، ئاسىيادىكى 19 دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتۇرۇلدى، توشۇلغان مال تۈرلىرى كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك مال، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جىنياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى تارماقلار بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن چوڭ يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىدۇ.

ئوخشاشلا 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى ياڭ شياۋجۈن سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق تاموژنا بىرىنچى سېپىدىكى تاموژنا خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم ئۇلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى بىز تاموژنا خادىملىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، غەيرىتىنى ئاشۇردى، بولۇپمۇ <سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىش>نى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» ياڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: ئالاتاۋ تاموژنىسى تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت چېكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە قىسقارتىپ، پورت يۈك تىرانسپورتى، بولۇپمۇ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، پورت تاشقى سودىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكى شىنجاڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىسى بولغان بىزگە نىسبەتەن ئەڭ زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى. ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پونكىت باشلىقى فەن ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: پۈتۈن پونكىتتىكى خەلق ساقچىلىرى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يىپەك يولىدىكى ئايروپورت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يىپەك يولىدىكى كارخانا، ئاۋىياتسىيە، تاموژنا، تەكشۈرۈش بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، كارخانىلارغا پايدىلىق بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كېڭەيتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. پورتنى ئىدارە قىلىش - مۇلازىمەت قىلىش بىلەن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پورت بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئېچىۋېتىش پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈرلەر بەس - بەستە ماكانلاشتى، زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتتى، يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇردى... قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنەكلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى ھەم قاتناش تۈگۈنى، ھەم بايلىق ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ، تەڭداشسىز رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

«باش شۇجى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق جاي ئەمەس، بەلكى بىر يادرولۇق جايغا ئايلاندى، بىر تۈگۈن جايغا ئايلاندى. بۇ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىمىزدا بارغانسېرى كونكرېت گەۋدىلەندى.» قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما خەيتاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولغانلىقى بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىمىز پورت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىلىك كۈچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج ئىقتىسادى ئانالىز باشقارمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئالىم ئەخمەت مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، دىققەتنى باج ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، باج سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى ياخشى قوغداپ، باجنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى «ئىمتىھانغا بېرىش يولى»دا ھەقىقىي ياخشى ماڭىمىز.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇ گوچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىركەتتىكى بارلىق خادىملار مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، مەۋقەنى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىققا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە قۇرۇقلۇق چوڭ يولىنى كېڭەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرىنى تولۇقلاش، زەنجىرىنى كېڭەيتىش، زەنجىرىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئېنېرگىيە ھەمدە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىمپورت - ئېكسپورتى قاتارلىق ساھەلەردە سىجىل كۈچەپ، جىڭ، چۆچەك، سانجى قاتارلىق نۇقتىلىق پورتلاردا ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش بازىسىنىڭ ماكانلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيەنى ئېچىش - ئايلاندۇرۇش، پىششىقلاش - زاپاس ساقلاش، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق تەقسىملەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يول ئىقتىسادىنىڭ پورت ئېنېرگىيە ئىقتىسادىغا، ماكانلاشقان ئىقتىسادقا ئۆزگىرىشىگە كۈچ قوشىمىز.

تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئەشيا ئوبوروتىنى توپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، «يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار سودا مەركىزى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شىمالىي ۋوگزال خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى، لىنگاڭ كەسىپلەر باغچىسى، تاشيول پورتى تۈرى قاتارلىق سۇپىلار تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قاتار خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، رەقەملىك قۇرۇقلۇق پورتىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، سودا، تەمىنلەش زەنجىرى تۈگۈن سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تاۋارلارنى توپلاش، ئىشلەپچىقىرىش، كۆرگەزمە قىلىش، سودىلىشىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ راڭچۈن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش» ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق دۆلەت ئايرىمىسى، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر پورت» ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككى رايون» ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ ئوچۇق دەرۋازىلىق رولىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى غەربكە يۈزلەنگەن مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

«ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» باش تېما قىلىنغان 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۇختا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو، چەت ئەللىك سودىگەرلەر يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سودىگەر چاقىرىش - كۆرگەزمىگە تەشكىللەش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى.

«جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم سۇپىغا، كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.» شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈپ، سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانى جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، شىنجاڭغا كىرىش، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى جۇغراپىيەلىك مەركەز، ئىقتىساد - سودا مەركىزى، ئادىمىيەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش مەركىزىگە ئايلاندۇرىمىز.

(مۇخبىر ليۇ يى، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي، ۋاڭ شىڭرۇي، لۇ فېڭباۋ، خېي خۇڭۋېي، خەن چىنيەن، مېھرىگۈل ناسىر)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.