تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش | ئارزۇگۈلنىڭ ياخشى ئاچىسى

  ئانار بۇلۇت | شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار دېڭ لىجۈەن، جاڭ لى) 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن فېڭشيا باي ناھىيەسى قېيىر يېزىسى مىسبۇلاق كەنتىگە سىڭلىسى ئارزۇگۈل تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلدى.

  «سىڭلىم، سىزگە تونۇشتۇرغان ئىككى خىزمەت ئورنىدىن قەيەرگە بېرىشنى ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟ ئۆيدە يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار؟» سۈن فېڭشيا ئىشىكتىن كىرىپلا سىڭلىسى ئارزۇگۈلدىن سورىدى.

  ئارزۇگۈل: «يەنە ئويلىشىۋاتىمەن، پات ئارىدا ئىشقا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ سۈن فېڭشيانى تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئۈستەلدىكى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغىراق سۈرۈپ قويدى.

7ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى، ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن فېڭشيا (سولدىن 2-كىشى) باي ناھىيەسى قېيىر يېزىسى مىسبۇلاق كەنتىگە سىڭلىسى ئارزۇگۈل تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلدى.
                                                                                              دېڭ لىجۈەن فوتوسى

  ئارزۇگۈلنىڭ ئېرى ئۆيدە ئۇزاق تۇرمايدىغان بولۇپ، ئۆيىدە بىرلا قىزى بار ئىدى، ئۇلار قېيىنئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مىسبۇلاق كەنتى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كەنتتە ياشانغانلار ۋە بالىلار كۆپ ئىدى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبە قىلغانىدى.

  2022-يىلى 3-ئايدا، سۈن فېڭشيا ئارزۇگۈل بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، سۈن فېڭشيا ئائىلە ئەزالىرىنى يىغىپ، ئارزۇگۈل ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ئورتاق پىلانلىدى.

  «قېيىنئاپىڭىز تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىكەن، قىزىڭىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، سىز سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتىدۇ» دېدى سۈن فېڭشيا.

  ئارزۇگۈل ئۆيدىن بەك يىراقلاپ كەتسە، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ۋاقتىدا خەۋەر ئالالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتى.

  بىرقانچە قېتىم پىكىرلىشىپ ئارزۇگۈلنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، سۈن فېڭشيا ئۇنىڭغا باي ناھىيەسىدىن ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيىگە بىرقەدەر يېقىن ئىككى يەردىن خىزمەت ئالاقىلىشىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قويدى.

  «بۇ ئىككى كۈندىن بېرى مەن قايسى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئۆيگە يېقىنكەن، ھەم ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن، ھەم كىرىم قىلالايدىكەنمەن. ئاچام مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاپتۇ، ئاچامغا رەھمەت» دېدى ئارزۇگۈل مىننەتدارلىق بىلەن.

  تۇغقىنىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۈن فېڭشيا چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى، ئۇ ئارزۇگۈلگە: «سىلەر مېنىڭ تۇغقىنىم، ئىش بولسا ھەر ۋاقىت ماڭا تېلېفون قىلىڭلار» دېدى.

  بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، سۈن فېڭشيا ھەر ئايدا ئارزۇگۈلنى قەرەللىك يوقلاپ تۇردى. سۈن فېڭشيانىڭ ھەمراھ بولۇشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ھازىر ئارزۇگۈلنىڭ مىجەزى كۈندىن-كۈنگە ئېچىلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  سۈن فېڭشيا: «قىزىڭىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسى قانداقراق؟» دەپ سورىدى.

  «ئۇنىڭ باي ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغۇسى باركەن، نەتىجىسىدە مېنىڭچە مەسىلە يوق» دېدى ئارزۇگۈل.

  «تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ياخشى داشۆگە ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇرۇڭ» دېدى سۈن فېڭشيا.

  تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى تېخىمۇ ئېجىل بولۇپ، قېرىنداشلىق مېھرى جەم بولغانسېرى قويۇقلاشتى. سۈن فېڭشيا مۇنداق دېدى: «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا، بىز قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.