تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى​

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر رەتلەندى، خۇلاسىلەندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى بىر تۈرلۈك غايەت زور سىستېما قۇرۇلۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىستېما تەپەككۇرىدا، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش داۋامىدا بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، تەتقىقاتتا يېتىشىپ مېڭىپ بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دىققەتنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»تىكى ئىچكى مەزمۇن خاراكتېرلىك ۋە يىراق كەلگۈسى خاراكتېرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىپ، رەتلەپ، ھەل قىلىپ، يىللىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، لايىھە - تەدبىرلەرنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى پائال ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىلىرى، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خىزمەتتە فۇنكسىيەلىك ئورۇننى دەل جايىدا تېپىپ، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىق ئالتە ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.