تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى​

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەنگە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مىللەت، دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.