تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە تېخىمۇ زور نەتىجە بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايون كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى​

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە تېخىمۇ زور نەتىجە بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

​ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلار يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلار يىغىنى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

  ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇپ، بىزگە باش شۇجىنىڭ داھىيلىق سالاپىتى، ئىدىيەۋى ئۇلۇغ كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت جەلپ قىلىش كۈچى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىز «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىنى سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىشقا ۋە چىن قەلبدىن ھۆرمەتلەشكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت نەتىجىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ تارىخى، بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىقنى ھەل قىلىشنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مەسىلە قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى توغرىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى، شىنجاڭنىڭ ئىچكى جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  سەككىزىنچىدىن، كۆپ قاتلام، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  توققۇزىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، خىزمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھەر مىللەت يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئونىنچىدىن، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ۋە تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېزدىن قىزغىن دولقۇن قوزغاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چوقۇم قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنى ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلاملىق كەڭ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، جايىدا ئىشلەش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، كەڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.