تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېقىن كۆرۈنۈش | «تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا!»

   شىمالىي سەنشىدىكى ئاق تاملىق، لەمپىلىك ھويلا. 68 ياشلىق بەي گاۋشەن كىچىك كۆكتاتلىقنى سۇغارغاچ، ئىككى ياشتىن ئاشقان نەۋرىسىنى ئوينىتىۋاتاتتى.

   كۆكتاتلىقتا چەيزە، خاڭگا، سەي كاۋىسى، غولپىيازلار ناھايىتى ياخشى ئۆسكەن بولۇپ، ئىككى تۈپ ئالما دەرىخىدە ياپيېشىل ئالمىلار لىققىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى.

   «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە، مەن ئېتىزلىققا تېرىغان بۇ مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغانىدىم، باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ <بۇ مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار سىلەر بىر ئائىلىنىڭ يېيىشىگە يەتكۈدەك> دېگەنىدى.»

  بەي گاۋشەن ئولتۇراقلاشقان سەنشى ئۆلكىسى داتۇڭ شەھىرى يۈنجوۋ رايونى شىپىڭ بازىرى فاڭچېڭ يېڭى كەنتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش كەنتى ئىدى. ئۇ 200 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۈنۈمسىز يانباغىر، شورلۇق يەردىكى توپا گەمىدىن ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى، تۇرمۇشى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزگەردى.

  2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەي گاۋشەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كاڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ بەي گاۋشەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشتى.

  بەي گاۋشەن بىر پارچە كونا سۈرەتنى ئېلىپ باش شۇجىغا كۆرسەتتى، سۈرەتتىكىسى ئۇ يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى 40 نەچچە يىل تۇرغان توپا گەمە ئىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈرەتنى ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ سورىدى: «ھازىرقى بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە قانچە پۇل خەجلىدىڭىز؟» بەي گاۋشەن باش شۇجىغا 2019-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن 10 مىڭ يۈەن خەجلەپلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  «كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيىڭىزدىكىلەر ئاساسلىقى نېمە ئىش قىلدى؟ كىرىمىڭلار قانداقراق؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا.

  بەي گاۋشەننىڭ ئوغلى بەي لىجۈن باش شۇجىغا يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ياردىمىدە كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوقۇپ كەپشەرلەش ئىشچىسى بولغانلىقىنى، 2019-يىلى 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  «ھازىر باشقا كەنتتىكى قىزلار بۇ يەرگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىغاندۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  «شۇنداق بولمايچۇ! بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، باشقىلارمۇ كېلىشنى خالايدىغان بولدى.» بەي گاۋشەن خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، «ئۆي سېلىش، خوتۇن ئېلىش بىز دېھقانلارنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشىمىز. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز!»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ يەنە قانداق ئويۇڭلار بار؟» دەپ سورىدى.

  «كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى بەي گاۋشەن.

  «تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا!» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىن تەلەپپۇزدا.

  خەلقنىڭ ئارزۇسى، قەلبلەرنىڭ تەلپۈنۈشى.

  ئەينى چاغدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۆز ئالدىمىزدىلا ئىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مىليونلىغان دېھقان ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تېخىمۇ زور ئۈمىدىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك، ئەمدى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىش كېرەك.»

  بەي گاۋشەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەنتتە ھەر يىلى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ: يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇخارگۈل كەسىپلەر باغچىسى تىجارەت باشلىدى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەركىزى ۋە يەسلىمۇ قۇرۇلدى. بۇ يىل 9-ئايدا، كىچىك نەۋرەم كەنت يەسلىسىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ.

  2022-يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە سەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق ئاممىسىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى قەتئىي ئىنتىلىشى، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك».

  «باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئەگەشسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەگەشسەك، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر چوقۇم ئالدىمىزدا!» دېدى بەي گاۋشەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.