تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

شىنجاڭ تۇپرىقىدا، دائىم ئېچىلىپ، ئۇزاققىچە ياشناپ تۇرىدىغان بىر خىل گۈل بار، ئۇ بولسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى؛ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بىر خىل رىشتە بار، ئۇ بولسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسى.

«ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس ئەزاسى»... باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى دائىم ياد ئېتىپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز.

56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بىزنىڭ مىللەت نەزەرىيەمىز ۋە سىياسىتىمىز ياخشى، ئۈنۈملۈك بولدى.

«پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مىللەت، دىن نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى فەن يۈشيەن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

«<سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ.> باش شۇجىنىڭ سۆزى جاراڭلىق، كۈچلۈك بولۇپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغانىدى.» دۆلەت باج باش ئىدارىسى توقسۇن ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەنۋەر ھېيت يەتتە يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت كەچۈرمىشىگە ئىگە بولۇپ، باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. «مەن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا دۆلەتنىڭ تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزۈم ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن» دېدى ئۇ.

30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، كەنت دوختۇرى ما پېڭچېڭ شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى يانتاقباش كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بىلەن، كەنتكە كېلىپ دوختۇر بولغانىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، سانسىزلىغان كەنت ئاھالىسىنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس نامىغا ئېرىشتى.

«باش شۇجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، دەپ تەكىتلىدى. ھەرقايسى مىللەتلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» دېدى ما پېڭچېڭ.

«ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىمىز مۇقەررەر غەلىبىلىك ئىشقا ئاشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر يېتىپ كېلىدۇ.» ساۋەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى يېجياخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى جانىيگۈل قابىلاخمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز كەلگۈسىدىكى پارلاق ئىستىقبالنى كۆردۇق».

يېجياخۇ كەنتىدە قازاق مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، دۇڭشياڭ مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەت ئامما ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتكۈزمەكتە. «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا ـ ئەستايىدىل بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز» دېدى جانىيگۈل.

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا تارقالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازىغا تولغانىدى؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى كۈنسېرى كۈچەيتتى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتى قىزغىن ئەۋج ئېلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېسسىيات رىشتىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سەھەردە، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇننىسا ئېزىز ئۆيىدىن چىقىپ، ئۆلچەملىك كۆكتات پارنىكىغا كىرىپ، لازا مايسىسى، شوخلا مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

ئىتتىپاق يېڭى كەنتى خوتەن شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2014 ـ يىلى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە قۇرۇش توغرىسىدىكى پائال ئىزدىنىشى ئىدى. سەككىز يىلدىن بۇيان، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان 534 ئائىلىلىك ئامما قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى.

«كەنتىمىزدە، ئۇيغۇر مىللىتى كەنت ئاھالىلىرى خەنزۇ مىللىتى كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق تەجرىبىسىنى ئۆگەتتى، خەنزۇ مىللىتى كەنت ئاھالىلىرى ئۇيغۇر مىللىتى كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. بىز بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، دوستلۇق مېھرىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى» دېدى تۇرسۇننىسا.

«شىركىتىمىز كۆپ مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىسى بار چوڭ ئائىلە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.» خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خەن سۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: خۇاديەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ توك تارقىتىش كارخانىسى بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ناھىيە، شەھەردە جەمئىي 170 مىليون كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 2 مىليونغا يېقىن ئابۇنىچىنى پار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭغا جەمئىي 5 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ھەم ئەمگەك مۇلازىمىتىگە ئەۋەتىلگەن 2700دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلغان. بۇ تۈرلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ توك ئىشلىتىش، ئىسسىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ۋاڭسەن كوچىسىدا، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى − ۋاڭسەن كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا تۆت يىل بولغانىدى. ھەر مىللەت سودىگەرلەر تۇغقانلىشىپ، سودىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ـ بىرىنى يۆلىدى.

ۋاڭسەن كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مەمەتجان قاسىم مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان سودا ھەمراھلىرى ئارىسىدا، قىيىنچىلىق ئالدىدا بىر ـ بىرىگە كوللېكتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، پۇرسەت ئالدىدا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، مەنپەئەت ئالدىدا ئۆزئارا يول قويۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاللىقاچان كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك».

«بۇ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسى، ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنتۇماڭ. بۇلار مەن تۈگكەن مانتا، ئۆزۈم ئەتكەن پولۇ، تېتىپ بېقىڭ...» 7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى گۈليا ئېرجان قابا ناھىيەسىنىڭ جايىلما يېزىسى جايىلما كەنتىدىكى تۇغقىنى ياشىنىپ قالغان لى مېينى يوقلاپ كەلدى.

«باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز ھەر بىرەيلەن ئانارنىڭ بىر تال <دانىسى>، پەقەت بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز» دېدى گۈليا.

دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىتتە تازىلىق ئۆيى، كۇتۇپخانا، ئاشخانا قاتارلىقلار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

«كۆپ يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدا، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى» دېدى 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەخمىتۇللا.

«بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق ـ پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرىمىز» دېدى ئابدۇشۈكۈر رەخمىتۇللا.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئېلىجان ئانايەت مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي ئىلىم ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولغان، ماركسىزملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغان، ئۆگىنىش ئىستىلى ئەلا، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولغان دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزملىق دىن قارىشىنى پۇختا بىلىدىغان، دىن خىزمىتىگە پىششىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى ئىشلەشكە ماھىر بولغان پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما جيەنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق دىن قارىشى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى، دىن بىلىملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېتەكلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، مېھرىگۈل ناسىر، جاڭ يۈنمېي، ۋاڭ نا، چېن چياڭۋېي، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل، مېھرىگۈل غوپۇر، لياڭ لىخۇا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.