تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]ئەمەلدار بولۇشنى كۆزلىمەي، ئىش قىلىشنى كۆزلىدى

شى يۈگاڭ:​

ئەمەلدار بولۇشنى كۆزلىمەي، ئىش قىلىشنى كۆزلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

ئاقسۇ شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى كاڭجۈ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئەنۋەر ئىسكەندەر ھەر كۈنى كەچتە سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ، يورۇق، رەتلىك ۋە پاكىز يولنى بويلاپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەچلىك بازارغا كەلگەندە، ئەنۋەر تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئىناق، ئازادە چوڭ گۈللۈككە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

«بىزنىڭ بۇ كونا ئولتۇراق رايوننىڭ ئىلگىرىكى مۇھىتى <مەينەت، قالايمىقان، ناچار> ئىدى، ھازىر <يېڭى، يېشىل، گۈزەل> بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ھەم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان بولدى. شى شۇجى ياش بولغىنى بىلەن ئاممىغا نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى!» دېدى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەنۋەر. ئۇ تىلغا ئالغان «شى شۇجى» شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 80 - يىللاردا تۇغۇلغان شۇجىسى شى يۈگاڭ ئىدى.

«ئاممىنىڭ ساداسىغا كوچا باشقارمىسى ئىنكاس قايتۇردى؛ ئاممىنىڭ تەلىپىنى كوچا باشقارمىسى قاندۇردى. پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىش، ئاممىنى رازى قىلىش مېنىڭ خىزمەتتە باشتىن - ئاخىر قوغلىشىدىغان نىشانىم.» 2018 - يىلىدىن بۇيان، شى يۈگاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ شەھىرى نەنچېڭ كوچا باشقارمىسى، شىنچېڭ كوچا باشقارمىسىدا پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى، نەگىلا بارسا، ئۇ مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.

تۆت يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل چىن ھېسسىياتى بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ياشلىق باھارىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرى شى يۈگاڭنى «باشقىلارنىڭ غېمىنى ئەڭ كۆپ يەيدىغان <ياخشى بەنجاڭ>» دەيدۇ، ئاھالىلەر ئۇنى «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان <سىرداش>» دەپ تەرىپلەيدۇ. 2021 - يىلى ئۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالاندى.

شى يۈگاڭ 2001 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشنى تاللىدى. 2006 - يىلى پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي كادىر بولغاندىن كېيىن، شى يۈگاڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا، پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى تەربىيەلىشى ۋە تەسىرلەندۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئەڭ يېڭى سىياسەتلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەسپىنىڭ «قاتتىق ئەمەلىي كۈچى» ۋە ئۇنىۋېرسال «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»نى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. كادىرلار دائىم ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇپ، خاتىرە يېزىۋاتقانلىقىنى، تەسىرات يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، بەزىدە بىر ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ، قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ ياخشى لايىھەنى تاللايدۇ.

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىلىش»تىكى زېرەك ئادەم بولۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى «قىلىش»تىكى ئاكتىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. خىزمەت داۋامىدا شى يۈگاڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەمىشە ئىشنىڭ ئەڭ «قىيىن»ىنى ئۆزىگە قالدۇردى، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغانلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئۇ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى كۆپ قېتىم ئاقسۇ شەھىرىگە ۋاكالىتەن ھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈتۈۋېلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇرغۇن نەق مەيدان يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، مۇھىم نۇقتىسى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا. شى يۈگاڭ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسىغا كەلگەندىن كېيىن، تەۋەلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان بىر قىسىم ئاممىنىڭ بارلىقىنى ئىگىلىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە پائال تەشكىللىسە، بىر تەرەپتىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە زور كۈچ بىلەن يار - يۆلەك بولدى، كوچا باشقارمىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، توكچىلىق، كەپشەرلەش، ئائىلە ئىشلىرى، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق سەككىز كەسىپ بويىچە ئۆگىنىش كۇرسى ۋە پىراكتىكا مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى پىراكتىكا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەچلىك بازار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاھالىلەرگە يايما ئورنى پىلانلاپ بېرىپ، ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

«شى شۇجىنىڭ ماڭا چوڭ بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت، ھازىر ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلايدىغان بولدۇم» دېدى ئاقسۇ شەھىرى ۋېنخۇا مىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 64 ياشلىق ئاھالە شاۋ يۈيىڭ. بۇلتۇر، مەھەللە كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا شاۋ يۈيىڭنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى توپلىدى: ۋېنخۇا مىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى چېقىش - كۆچۈرۈش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ئۇزاق مۇددەت سېلىنمىدى، ئۆزى كونكرېت ئەھۋالنى بىلمىگەچكە، مەھەللىدىن ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. شى يۈگاڭ ئاقسۇ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىپ، كۆپ قېتىم نەق مەيدان ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى.

مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئۇنىۋېرسال ساپاسى تەكشى بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، شى يۈگاڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللىدە «كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش»نى قانات يايدۇرۇپ، «تۇنجى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى» «سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىش تۈزۈمى» «جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى» «ۋەدە بويىچە مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمى» «نەتىجىنى باھالاش تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئاساسىي تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىشىكتىن كىرىش ئاسان بولۇش، چىرايى ئوچۇق بولۇش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ئۇ دائىم كادىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەمەلدار بولۇشنى كۆزلىمەي، بەلكى ئىش قىلىشنى كۆزلىشىمىز، خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغۇدەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.