ياز كۈنلىرىدىكى بەيشاخۇ كۆلى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، كۆل سۈيى، قارلىق تاغ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، خۇددى پامىر ئېگىزلىكىگە ياقۇت نەقىشلەنگەندەك كۆرۈنىدۇ، قۇياش نۇرىدا، كۆل يۈزىنىڭ رەڭگى ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، ئاجايىپ-غارايىپ تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.
بەيشاخۇ كۆلى مۇزتاغ چوققىسىدىكى قار-مۇز سۈيى بۇلۇڭكۆلدىن ئېقىپ ئۆتۈپ شەكىللەنگەن كۆل بولۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسىدا، كۆلنىڭ غەرب تەرىپىدىكى تاغدا ئاق قۇم بولغاچقا مۇشۇنداق ئاتالغان، ئۇنىڭ كۆلىمى 44 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3300 مېتىر كېلىدۇ.
تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى