تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن

چېڭ ياشۈ:

ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچىسى چېڭ ياشۈ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز كۈن بولدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«باش شۇجى كەلدى!» چېڭ ياشۈ خېرىدارلارغا كەسىپ بېجىرىۋاتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۆمۈريول پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىناسىنىڭ بىرلەشمە ئىش بېجىرىش زالىغا كىرىپ كەلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى بىردىنلا قىزغىنلىققا تولدى، كۆپچىلىك ھەم ھاياجانلاندى، ھەم جىددىيلەشتى. قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ھەم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك رايونلىرى ۋە ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدىكى مەشغۇلات ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، باش شۇجى تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت قوبۇل قىلىپ بېجىرىش كۆزنىكىگە قاراپ كەلدى، كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى، زالدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. باش شۇجى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئاستا قەدەم بىلەن پۇكەيگە كېلىپ، كۆپچىلىككە باش لىڭشىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەچ، ئوتتۇرىدا تۇرغان چېڭ ياشۈنىڭ ئالدىغا كەلدى. باش شۇجىنىڭ خۇشخۇي، يېقىملىق چىرايىنى كۆرۈپ، چېڭ ياشۈ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ جىددىيلەشكەن كەيپىياتى ئاستا - ئاستا پەسەيدى. باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىشى بىلەن، چېڭ ياشۈ شۇ كۈندىكى گۇرۇپپىنىڭ ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، كەسىپنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

«باش شۇجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.» چېڭ ياشۈ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى مەندىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ئەھۋالى، ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتنىشىنىڭ يۇقۇم قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقىنى سورىغاندا، مەن ئۆز خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردىم.

باش شۇجى بىلەن يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە، چېڭ ياشۈ ھاياجېنىنى باسالمىدى، ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىدە يەنە ئازراق ئەپسۇسلىنىش بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، باش شۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ھەر بىر جۈملە سۆز ناھايىتى قىسقا بولدى، «ئەپسۇس، باش شۇجى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشالمىدىم».

چېڭ ياشۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەنە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قەلبىم چوڭقۇر ھاياجانغا تولدى. «ئىلگىرى ئۆز خىزمىتىمنىلا ياخشى ئىشلەيتتىم، ھازىر، مەن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان خىزمەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم».

«باش شۇجىنىڭ سۆزى مېنى كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.» چېڭ ياشۈ مۇنداق دېدى: مەن ۋە گۇرۇپپىمىزدىكى نۇرغۇن خىزمەتداش «90 - يىللاردا تۇغۇلغان». بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ قوشۇلۇشى قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قان، يېڭى كەيپىيات قوشتى، كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.