تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس ئەزاسى».

«56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا - ئەستايىدىل بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى كېرەك».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولىمىز

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىمىز

«باش شۇجى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، بىزنىڭ مەھەللىمىز كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى...» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل كېرەم باش شۇجى شى جىنپىڭغا مەھەللىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.» ئارزۇگۈل كېرەم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللىمىز ئىزچىل ھەر خىل تۈردىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم «يۈز ئائىلىلىك زىياپەت» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى، ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولغان ئائىلىلەر ئۆزلىرى ئەڭ ئۇستا قورۇمىلارنى تەييارلاپ، ئاھالە كومىتېتىدا باشقا ئائىلىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتتى. مەھەللىمىز يەنە قەرەللىك ھالدا «بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا يېتەكلىدى. مەھەللىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى ياخشى قوغداپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى دورىك تېلخان مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتمەكتە، پۇقرالارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىلىق رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ ئېكسكۇرسىيەدە چۈشەندۈرگۈچى بولدى. يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ تولىمۇ يېقىملىق ئىكەن، بىز بىلەن سەمىمىي ھالدا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇزېيدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى بىزگە غايەت زور ئىلھام بولدى. بىز ئالاقىدار ئۇل تەتقىقات ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى بايان قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك بۇرچنى ياخشى ئورۇنداپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇنى خەلقئارالىق تارقىتىشنىڭ نام كارتىسىغا ئايلاندۇرىمىز».

مۇزېيدا «ماناس» ئېيتىشقا قاتناشقان سۇلەيخا ھەسەنباي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ھازىر «ماناس» ئېيتىشنى ئۆگىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نۇرغۇن كىشى ئېيتىشنى، ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. قايتقاندىن كېيىن بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمىز.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، پۇقرالارنى بېيىتىمىز

سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

تۇرپاندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇرپاننىڭ خاس مېۋە - چېۋە كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ ئۈزۈمچىلىك خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتۇمغا كېلىپ، يۇرتۇمنىڭ خاس كەسىپلىرىنى ئىگىلىدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلاندىم.» تۇرپان شەھەرلىك ئۈزۈمچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ لىيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: تۇرپان مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، باغۋەنچىلىك بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە بارىن ئۆرۈكى كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى. كەنت كادىرى ماھىنۇر ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: «بىز ماركا بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارىن ئۆرۈكى خاس ماركىسىنى يارىتىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ كۆلەملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك.

شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما چۇنلېي مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزگىچە بايلىقلارنى پىششىقلاش، ئىمپورت - ئېكسپورتنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشىدۇ.

ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىمىز

بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمىز

مەھەللە خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كادىرى قەلبىنۇر ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، كەنتتە 2 -، 3 - كەسىپنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قىزىل ئانار مەدەنىيەت مەيدانى، قىزىل ئانار كەچلىك بازىرى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۆز جايىمىزدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى يۈزتۇرا ئىگىلەش، پۇقرالارنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمەن.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىزگە بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىش بۇرچىمىزنىڭ تاغدەك ئېغىرلىقى، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى شىخەنزە شەھىرى نەنزىۋۇ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى دىڭ يالى مۇنداق بىلدۈردى: بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئاڭلىق ھالدا پېشقەدەم بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىش، قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش ياشلىق ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىمىز.

يېڭى دەۋردە، بىڭتۇەن چېگرانى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچلىق، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

8 - شى 143 - تۇەن يېزا ئىگىلىك 1 - ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى جاڭ بېيجەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قەلبداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.