تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، قەتئىي تۈردە سەمىمىي تاپشۇرۇقنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، قەتئىي تۈردە سەمىمىي تاپشۇرۇقنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا چوڭقۇر كۆيۈنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ھەم بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە بولغان مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان نەق مەيداندىكى يېتەكچىلىك بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىزنى زور ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ ۋە بايان قىلىنىپ، ئېنىق، كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىلىك ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك چارە ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت ئۈنۈمىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۆگىنىشنى تېزدىن ياخشى تۇتۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۇتاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭ بىلەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدىكى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈشى، بايانى ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلام بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچ، مۇھىم ۋەزىپىنى يەردە قويماي، تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبىگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق، خەلقنىڭ داھىيسىلىق، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىلىق ئورنى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلانغانلىقى، يىراقنى پىلانلىغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.