تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«باش شۇجى ئۆيۈمگە كەلدى»

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئابلەت تۇرسۇن تۇغقىنى بىلەن تېلېفوندا ئاۋازلىق سۆزلىشىپ ئۆيىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى كاتتا خۇشاللىقنى خۇشال ھالدا ئۇلارغا ئېيتتى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

  مېھمانخانىدىكى ئاچ سېرىق رەڭلىك تام قەغىزى نەقىشلىك ئىشىك - دېرىزىگە ياراشقانىدى؛ تاماق ئۈستىلىگە ساپسېرىق ساڭزا تىزىلغانىدى، پەتنۇستىكى ئۈزۈم، ئۆرۈكلەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى؛ بىرقانچە ئاق ئورۇندۇق ئۈستەلگە يانداشتۇرۇپ تىزىپ قويۇلغانىدى...

  «بۇ ئۆي سەرەمجانلىرى تۈنۈگۈنكىگە ئوپمۇئوخشاش بولۇپ، ئۇنى يۆتكەشكە كۆزىمىز قىيمىدى، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر تۈنۈگۈنكى ئورۇن بويىچە ئولتۇرۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاشۇ مەنزىرىنى قايتا - قايتا ئەسلىدۇق. ھەربىر قېتىم ئويلىغىنىمىزدا قەلبىمىز خۇددى باھار شامىلى سىيپاپ ئۆتكەندەك ئىللىدى...» 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى 67 ياشلىق ئابلەت تۇرسۇن ئۆيىدە ئوڭ قولى بىلەن مەيدىسىنى سىلاپ، بەختلىك ئەسلىمىگە چۆمدى.

  دەل بىر كۈن ئىلگىرى، ئابلەت ئائىلىسى بىر مۇھىم مېھمان − باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

  7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 10دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئابلەت ئائىلىسىگە كەلدى.

  «باش شۇجىنىڭ چىرايىدا باشتىن - ئاخىر كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ھەقىقەتەن يېقىملىق ئىكەن!» دېدى ئابلەت ئەسلەپ.

  ئۆيگە كىرىپلا، باش شۇجى ئۇدۇل ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، ئاشخانا سەرەمجانلىرىنىڭ تولۇق، پاكىز، پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى. ئارقىدىنلا يەنە چوڭ - كىچىك ياتاق ئۆيلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، «بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، باش شۇجى: بۇ ئۆي بەك ئىللىق ئىكەن، دېدى. مېنىڭ ئەسلىدىكى جىددىيلىشىپ كەتكەن كەيپىياتىم بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى» دېدى ئابلەت.

  «تاماق ئۈستىلى يېنىغا كەلگەندە، مەن باش شۇجىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن باش شۇجى قايتا - قايتا ئىشارەت قىلىپ، مېنى ئاۋۋال ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.» ئابلەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شۇ قەدەر خەلقچىل ئىكەن، خەلقنى سۆيىدىكەن، باش شۇجى قەلبىدە ھەر ۋاقىت بىز پۇقرالارنىڭ غېمىنى يەيدىكەن!»

  ئابلەت شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى بولۇپ، خوتۇنى رىزۋان ئابدۇراخمان ئىككىسىنىڭ بىر ئوغلى، بىر قىزى بار. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، پەرزەنتلىرى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ بوۋاينىڭ ئۆيىگە جەم بولغىلى كەلگەن بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن جەم بولۇپ ئائىلە شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

  «ئولتۇرغاندىن كېيىن، باش شۇجى بىزنىڭ بۇ بىر چوڭ ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ، ئائىلىمىزدە نەچچە جان بارلىقىنى سورىدى، مەن ئون جان بار دەپ جاۋاب بەردىم، باش شۇجى <توققۇزىڭلار تەل ئىكەن> دەپ ماختىدى، كۆپچىلىك ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق» دېدى ئابلەت ئەسلەپ.

  «باش شۇجى مەن ۋە خوتۇنۇمنىڭ يېشىنى سورىدى، يەنە كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى سورىدى. مەن بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز ياخشى، سىرتقا چىقساق بەدەن چېنىقتۇرۇش سايمانلىرى بار، ھەر كۈنى قوشنىلار بىلەن بىللە كىچىك مەيداندا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز، كەيپىياتىمىز ياخشى بولغاچقا، سالامەتلىكىمىزمۇ ياخشى بولىدىكەن دېدىم.» ئابلەت يەنە باش شۇجىغا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: مەھەللە دوختۇرخانىسى ئىشىكىمىز ئالدىدىلا، ئادەتتە مىجەزىمىز يوق بولۇپ قالسا، ئائىلىمىز بىلەن كېلىشىم تۈزگەن دوختۇر ئۆيىمىزگە دورا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ ئېغىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالساق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ھەر يىلى يەنە ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىمىز، ياشانغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلارنىڭ خۇشاللىقى بولۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشتى.

  «باش شۇجىنىڭ بىز ياشانغانلارغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن مەن كۆڭلۈمدە بەك تەسىرلەندىم.» رىزۋاننىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى.

  «مەن تېلېۋىزوردىن شى بوۋامنى كۆرگەن، شى بوۋامنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. شى بوۋام ناھايىتى مۇلايىم ۋە مېھرىبان ئىكەن، بىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، چىرايىدىن ئىزچىل كۈلكە يېغىپ تۇردى.» ئابلەتنىڭ ئون ياشلىق نەۋرىسى نۇرئەلى نۇرمەمەتنىڭ يوغان كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بەك ھاياجانلاندىم، بەك خۇشال بولدۇم»، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن سىنىپقا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشتىن بىرلىكتە ئورتاقلىشىمەن.

  ئوتتۇرىدىكى ئورۇندۇقنىڭ سول تەرىپىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئابلەت ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئىشارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، باش شۇجى مەندىن ھەر مىللەت قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا قانداق ئۆتىدىغانلىقىمىزنى سورىدى، مەن بىزنىڭ بۇ قورۇدا خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، تاتار مىللىتى قاتارلىق بەش مىللەت بار، كۆپچىلىك ئۆزئارا ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك ياخشى ئۆتىمىز، خۇددى سىز ئېيتقاندەك <ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان> دېدىم».

  ئابلەت مۇنداق دېدى: يېقىندا ھېيت ئۆتكۈزگەندە، ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى قەۋەتتىكى ھەر مىللەت قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلدى، كۆپچىلىك بىللە خۇشال - خۇرام ھېيت ئۆتكۈزدۇق. «مەن باش شۇجىغا شۇنى دېمەكچىمەنكى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدۇق>، بىز شۇنداق قىلالىدۇق».

  بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، باش شۇجى كۆيۈنگەن ھالدا ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، كەلگۈسىدە قانداق نىشانى بارلىقىنى سورىدى.

  «ئەينى چاغدا ئىختىيارسىزلا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، ھازىر تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن بەختلىك، باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!» دېدىم. ئابلەت كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا بەكمۇ ھاياجانلاندىم، كۆڭلۈمدە نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، لېكىن بىردىنلا بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، پەقەت مۇشۇ سۆزلەر بىلەنلا ئىپادىيەلىدىم».

  خوشلىشىدىغان چاغدا، باش شۇجى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلىدى، يەنە ئامراقلىق قىلىپ ئابلەتنىڭ كىچىك نەۋرىسى دەۋران دىلشاتنىڭ يۈزىنى سىلاپ ئەركىلەتتى.

  «باش شۇجىنىڭ سىيماسىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالدىم.» ئابلەتنىڭ قىزى رەناگۈل ئابلەت مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، ھەربىر ئېغىز سۆزىدىن بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى، بىز چىن قەلبىمىزدىن باش شۇجىنى ھۆرمەتلەيمىز».

  «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز. بىز داھىيغا يېقىندىن ئەگىشىپ، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىمىز!» ئابلەتنىڭ چىرايىدىن كۈلكە، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.