تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدىكى خەلق:

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى سەھەردە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇق مەيدان كەنتىدە، مەڭلەشخان مەتسىدىق ئۆيگە لىق تولغان كەشتە بۇيۇملىرىغا قاراپ، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى؛ چىڭقى چۈشتىكى ئوتتەك ئاپتاپتا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىدە، ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇن خۇشال ھالدا مال جازىسىغا مال تىزدى؛ گۇگۇم چۈشۈپ كۈن پاتقاندا، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا، رۇقىيەم مەتسەيدى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ ساراي مەركىزىدىكى ماۋ جۇشى بىلەن چوڭ بوۋىسى قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن رەسىمگە قاراپ چوڭقۇر چۈشىنىپ كۈلۈمسىرىدى...

2017 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارىدىن بەش يېرىم يىل ئۆتتى، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم يۇرتداشلار باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇرتىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلدى.

«ئىككى <ئەڭگۈشتەر> بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ»

كېرىيە ناھىيەسىدە، قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە ۋە ئىككى «ئەڭگۈشتەر»نى ھەممە كىشى بىلىدۇ.

«ئىككى <ئەڭگۈشتەر>نىڭ بىرى ماۋ جۇشى چوڭ بوۋامنى قوبۇل قىلغاندىكى سۈرەت، يەنە بىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى.» قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قېتىم بۇ خەتنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە بىر ئائىلىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەندە، رۇقىيەم مەتسەيدى دائىم قايتا تەسىرلىنەتتى.

رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تۇلۇمنىڭ قىز ئەۋرىسى. 2014 ـ يىلى، ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىنىپ قالغان مومىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

«مومام ئىزچىل باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىشنى ئويلىدى، يۇرتىمىزدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى، جەمەتىمىزدىكى 100 نەچچە كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى خەتكە يېزىشنى ئويلىدى» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.

باش شۇجى جاۋاب خەت قايتۇرغاندىن كېيىن، رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ دادىسى باشلامچىلىق بىلەن «قۇربان تۇلۇم ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئائىلىۋى ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى»نى قۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە نەچچە مىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلدى.

«ئىككى <ئەڭگۈشتەر> بىزنى ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئائىلە ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.

يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلاندى

مەڭلەشخاننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، رەڭگارەڭ گىلەم، كەشتە بۇيۇملىرى، ئىلمە توقۇلما ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مىللىيچە كىيىم ـ كېچەك ۋە زىبۇ ـ زىننەتلەر كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىدى.

مەڭلەشخان قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن قوشنا، كەشتىچىلىككە ھېرىسمەن بولۇشتىن ئاياللار كەشتىچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇشقىچە، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقىچە، 70 ياشلىق مەڭلەشخان 100گە يېقىن يېزا ئايالىنى يېتەكلەپ، قول ھۈنىرى كەشتىچىلىكىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى. «قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قوشنىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتدىشىمنى بىللە بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئۇ.

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى − توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆي، كىچىك بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، پىكاپلارنى ھەيدىدى. مەتتۇردى سەيدى شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

«ئالدىنقى يىلى، ئائىلىمىزدىكىلەر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردۇق، 58 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىمىز پاكىز ھەم يورۇق. مەن يەنە خاتىرە سارىيى ئىشىكى ئالدىدا بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچتىم، تۇرمۇشىمىز كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.» بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىنى تىلغا ئېلىپ، مەتتۇردى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.

«ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممە ئائىلە تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، ئوپتىكىلىق تالا تورىمۇ ئۆي ئىچىگىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ كەنتتە ئۈزۈم مەدەنىيەت كارىدورى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى ياسالدى، يۇرتداشلارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، ھەممىسىنىڭ پويىزغا، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققۇسى بار...» كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلىگەندە، توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىسۇلايمان بەيدۇللا چەكسىز ھاياجانلاندى.

توختىسۇلايمان مۇنداق تونۇشتۇردى: 2021 ـ يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 11 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھازىر، كەنتتە باقمىچىلىق جانلاندى، سەبدەرگۈلدىن ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىندى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلاندى.

گۈزەل ئەتىگە قاراپ داۋاملىق كۈرەش قىلىندى

توغراغاز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، پاكىز، رەتلىك ھويلىغا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر تىزىلغانلىقىنى، قىزىل ھويلا تېمىغا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ كونا قىياپىتى بىلەن يېڭى قىياپىتىنىڭ سېلىشتۇرما سۈرىتىنىڭ چاپلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2014 ـ يىلى، بىر قېتىملىق كېسەل سەۋەبىدىن ئابدۇرېشىت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى. كىچىكىدىن باشلاپ قۇربان تاغىنىڭ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىش روھىنىڭ تاۋلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ بىر تەرەپتىن ئون نەچچە مو يەرنى باشقۇرسا، بىر تەرەپتىن باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2018 ـ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، يەنە تاللا بازار ئاچتى.

«قۇربان تۇلۇم بوۋامنىڭ يۇرتدىشى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ باي بولىمەن» دېدى ئابدۇرېشىت.

كېرىيە ناھىيەسىدە، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى ئابدۇرېشىتقا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياش بىر ئەۋلادنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

توغراغاز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت مەتقاسىم تىجارەت قىلىۋاتقان دېھقانلار ئارامگاھى «جۇڭخۇا ئامىلى كوچىسى»غا جايلاشقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، دېھقانلار ئارامگاھى ئۇنى ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى كىرىمگە ئېرىشتۈردى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى مەنىلىك، باياشات ئۆتمەكتە. «ياخشى كۈنلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يارىتىمەن» دېدى مەمەت.

رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ دادىسى مەتسەيدى ئەيسامۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ تارقاتماقتا. بۇ يىل 1 ـ ئايدا، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭ خۇڭشى خەير ـ ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى قۇربان تاغا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس فوندى قۇرۇلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تۈرتكە بولۇش، كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ يوللىرىنى يورۇتۇش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

«مەن باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوۋامغا ئوخشاش، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن» دېدى مەتسەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.