تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى بارغانسېرى گۈزەل بولماقتا

□ شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى

سەھەردە، نارات يايلىقىدىكى كىگىز ئۆيلەردىن سېرىقماي سالغان ئەتكەنچاينىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ تۇرىدۇ؛ گۇگۇمدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كوچىلاردىن قايناق بازارنىڭ شاۋقۇنى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەربىر كۈندە يۇرت ئامان، تۇرمۇش تىنچ ـ خاتىرجەملىككە تولغان.

بۇ قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق.

بۇ تۇپراقنىڭ بەختلىك، تىنچ ـ ئامان بولۇشى ئۈچۈن، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغدىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 25 مىليون ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، ئىسلاھاتنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پۈتتى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورناتتى.

بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. 2012 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، ۋاقىت پويىزى توختىماي ئىلگىرىلەش داۋامىدا يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى يېڭىلىدى؛ ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېپيېڭى جاۋاب قەغىزى يازدى.

1

خېپەن كەنتىدە ئوچۇق ھېسابات تېمى بار. تامدا 2013 ـ يىلىدىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى بەھرىمەن بولغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى خاتىرىلەنگەن. مەيلى ئەمىن ئۆي سېلىشتا بولسۇن ياكى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشتا بولسۇن؛ مەيلى زىرائەت تېرىشتا بولسۇن ياكى باغ ـ ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بولسۇن، تۈرلۈك ئەمەلىي نەپلەر ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا بولۇپ، «نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، نەپنىڭ كىمگە يەتكۈزۈلگەنلىكى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكى»گە ئۈن ـ تىنسىز جاۋاب بېرىپ تۇراتتى.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا جايلاشقان بۇ كىچىك كەنتتە، 159 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار بولۇپ، ئۇلار مۇنداق دېدى: «مىننەتدارلىقىمىز چىن قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان».

قۇياش تىيانشانغا نۇر چاچتى، كۆڭۈل سۆزلىرى سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلىندى. خېپەن كەنتى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان تۇپراقنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ چىن مەنزىرە.

شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ تاغ ـ دەريالىرىغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن، 2 ـ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش، 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشقىچە؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىشتىن، كۇچادىكى «كەشتىچى ئاچا ـ سىڭىللار» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىغا مەدەت بېرىشكىچە، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ «ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش»ىنى ئۈمىد قىلىش، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش»ىنى ئۈمىد قىلىشقىچە... ئاشۇ يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلىغان ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلەر، ئاشۇ بىر قاتار چىن ھېسسىياتقا تولغان ئىللىق كۆرۈنۈشلەر، ئاشۇ ھەربىر جۈملە چوڭقۇر مەنىلىك سەمىمىي تاپشۇرۇقلار ئاللىقاچان بۇ تۇپراقتىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىگە، ئەڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالدى، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈشتىن شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتىپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقىچە؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشتىن، بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل يولغا قويۇشقىچە؛ مەركەز مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈشكىچە... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ياردەم بەردى، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

شەرق شامىلى ئەلچى بولۇپ، بەردى دېرەك باھاردىن. بارچە شەيئى ئويغىنىپ، چىقاردى بىخ يېڭىدىن. باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئايلىنىپ، 25 مىليون ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش پارلاق يولىدا بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

2

بۇ يىلقى قۇربان ھېيت، دەل بارلىق شەيئىلەر جانلانغان، ھەممە جاي بۈك ـ باراقسانلىققا تولغان تومۇزدىكى ياخشى ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا، كورلا خۇڭيەن مەيدانىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا جەنۇب ۋە شىمالدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، شادىيانە مىللىيچە ئۇسسۇللارنى ئوينىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق مەنزىرىسىگە تولدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك. قانۇنچىللىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. گۈللەنگەن، گۈزەل شىنجاڭ ئالدى بىلەن ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ بولۇشى كېرەك، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ بولسا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئاساس سېلىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداشقا ئېھتىياجلىق.

2 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمنى چىقاردى؛ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ زوراۋان ـ تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە يەتكۈچە ئۇچرىدى، چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» نەچچە مىڭ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سىنى پىلانلاپ سادىر قىلدى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىدى.

مۇقىملىق بولمىسا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغدىدى. بىر تەرەپتىن، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشماي ساقلاپ، يەر ـ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان زور كۈچ بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئېغىر زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى چۆچۈتۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقتى؛ بىر تەرەپتىن، مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.

باھاردىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن كاككۇك يېرىم كېچىدە ھەسرەتلىك سايرايدۇ، باھار شامىلىنى سايراپ چىللاپ كېلەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. تاش ـ تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇلۇت ـ تۇمانلار تارقىلىپ، جاھان تىنچىدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى بىر مەھەل يۇقىرى نىسبەتتە يۈزبېرىش، كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزگەرتىلدى، شەھەر، يېزىلارنىڭ ھەممىلا يېرى تىنچ، ئىناق بولدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇچقاندەك ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تىنچلىقتا خەۋپ ـ خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق، ئاسايىشلىقتا مالىمانچىلىقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ھازىر، شىنجاڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى − قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى، نەمۇنە بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭ قانۇنچىللىقنى مىسلىسىز كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇقتا ئەمەلدە كۆرسەتمەكتە. بىز پەقەت ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى پۇختا چىڭ تارتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرساقلا، قانۇنچىللىق جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچ، مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلىنىدۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز.

3

ئات تۇياقلىرى ئاستىدا ئاپئاق قارلار توزۇيتتى، شىمال شامىلىدا قىزىل بايراق گۈزەل جەۋلان قىلاتتى. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، «شىنجاڭلىق چارۋىچىلار ئات مىنىپ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنى جەڭگە ئاتلىنىشقا ئۇزىتىپ قويدى» ناملىق قىسقا سىننى كۆرۈپ، كىشىلەر تولىمۇ ھاياجانلاندى. چەت ـ يىراق جايدىكى شىنجاڭلىق چارۋىچىلار مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە شەكىلدە قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىگە بەخت تىلەش، ئانا ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلىنىشتەك ئاددىي، سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى، بۇ، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ جانلىق ئىپادىسى.

چېچىلىپ تۇرىدىغان قۇم بىلەن ئېگىز ئىمارەت سالغىلى بولمايدۇ. قانچىكى ئۇلۇغۋار ئىشتا كەڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى شۇنچە تاۋلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەش − باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۈپ تەلىپى.

2 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»دىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايوننى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇردى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا تارقالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇلىرىدا ئىناق ياشايدىغان خۇشال كۈلكە ئاۋازى ياڭراپ تۇرماقتا؛ ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پويىزى ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قان قېرىنداشتەك مېھىر ـ مۇھەببەتكە گۇۋاھ بولدى؛ لاچىن بايەكە، قۇربان نىياز، جۇاڭ شىخۇا، يوۋ لياڭيىڭ... ھەربىر ئاددىي ئىسىمنىڭ ھەممىسى بىر يارقىن كوردىنات بولۇپ، ئىتتىپاق بولغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان دەۋر كەيپىياتىغا يېتەكلىمەكتە.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى ئورگان، كارخانا، مەھەللىلەرگە كىردى، داشۆ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىغا كىردى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى؛ «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» «جاڭ چيەن» «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر بەس ـ بەستە مەيدانغا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

بۇلتۇر «1 ـ ماي» مەزگىلىدە، خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان 1400 كىلومېتىردىن ھالقىغان ئاشۇ مەيدان ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلاش ھەم كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، ھەم كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ، نېمىنىڭ تومۇرداش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىزاھلىدى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭدا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ئورتاق ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدى.

4

2022 ـ يىللىق باھار بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈپ، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە روھنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كەلگەن پەيتتە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق بىر مەيدان كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «تەشنالىقىنى قاندۇردى.» جۇڭگو ئىستاتىستىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياڭ شىنخۇڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن «تومۇر تۇتۇپ» ئەقىل كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى «باھار بايرىمىدىكى تۇنجى دەرس» بىر قېتىملىق نەزەر دائىرىنىڭ چوڭ كېڭەيتىلىشى، تەرەققىياتنىڭ چوڭ سەپەرۋەرلىكى.

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ مەنبە ئېقىن سۈيى.

2014 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭغا نەزەر سالساق، شەرقتە تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقى قاينام ـ تاشقىنلىققا تولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى يېشىللىق سىمفونىيەسىنى ياڭراتتى؛ غەربتە قورغاستا گۈدۈك ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭراپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربكە ئېچىۋېتىلگەن دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتتى؛ جەنۇبتا چۆل ـ باياۋاندا سۈپسۈزۈك سۇلار دولقۇنلىنىپ، كۆكيار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزدى؛ شىمالدا ئالتاي تېغى كۈمۈش رەڭ لىباس كىيىپ، «جۇڭگو قار ـ مۇز شەھىرى» دۇنياغا تەكلىپ ئەۋەتتى... ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىققا ئىگە شىنجاڭ تۇپرىقىدا كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ مەۋج ئۇرماقتا.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ گىرەلىشىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

كارخانىچىلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى شىنجاڭغا كېلىپ «تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈش»كە تەكلىپ قىلىشتىن، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىشكىچە، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى قۇرۇش ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تونۇش ۋە ھەرىكەتكە ئايلاندى؛ «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش»تىن «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»قىچە، بىر قاتار شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلەر شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن، سۇچىلىق خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئاڭلاشقىچە، شىنجاڭ سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرىنى قەتئىي ساقلىدى؛ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقىچە، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىمەكتە...

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا كۈچەپ بەرپا قىلىنغان بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. 2022 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 6 ـ ئايغىچە، قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 609 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئاشتى. «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدكە تولغان سۆزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىزچىل چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرماقتا. تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، قەدىمىي يىپەك يولىدا يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق پۈتمەكتە.

نەزەرنى كەڭ سالسا ھەممە ئايان بولىدۇ. دۇنياغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز بولماقتا.

5

ئۇزۇنغا سوزۇلغان رېلىسلار غۇلىچىنى كېرىپ، «ھالاكەت دېڭىزى»نى ئايلانماقتا! 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان، ئۇزۇنلۇقى 2712 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى شەكىللەندى. دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇقنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قاتناشقا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى.

«ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلق رايىنى مايىل قىلىشنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش كېرەك.» خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدىغان كۈرەش نىشانى، تېخىمۇ مۇھىمى، نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بىر چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلق رايىنى مايىل قىلىش ـ قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور تېما.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى، باش قېتىنچىلىقىنى، غېمىنى ياخشى ھەل قىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇرغىسى چېلىنغاندىن بۇيان، ئېغىر نامراتلىق قورغىنى ئالدىدا، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بارلىق ئاساسىي كۈچلەر جەڭگە ئاتلىنىپ، «بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن جاراڭلىق قەسەم، «قورغاننى ئالمىغۇچە قايتماسلىق» دېگەن پولاتتەك ئىرادە، «باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسا، مەن ئون ھەسسە تىرىشىمەن، باشقىلار ئون ھەسسە تىرىشسا، مەن يۈز ھەسسە تىرىشىمەن» دېگەن جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كەسكىن جەڭ قىلىش روھى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلدى، 3 مىليون 64 مىڭ 900 يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ھالقىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەزەر سالساق، باشقا ئۆلچەمدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرمۇ ئوخشاشلا كۆزنى قاماشتۇرىدۇ − ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىنىپ، مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن ئائىلە «تاماق قاچىسى»نى چىڭ تۇتتى؛ مائارىپ تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر قىلىنىپ، مائارىپ قىياپىتىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەمەلىي تۇتۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت مۇستەھكەملەندى... تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنىڭ بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلىنىشى «تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت قىممەت ئىنتىلىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتتى؛ «رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «سانلىق مەلۇمات قاتراش»نى «ئامما قاتراش»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» قاتارلىقلارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئايلاندۇردى؛ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ماكاندىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى...

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ تۈپ مەسئۇلىيەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىيالايمىز.

6

ئۇ جىددىي ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسىتىپ، سان ـ ساناقسىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلتۈردى. بۇ يىل يېڭى يىلدا پامىر ئېگىزلىكىدە كىشىلەرگە قىزغىن ياردەم بېرىدىغان، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان چارۋىچى تاغا ئابدۇجاپپار مېڭدى يۈز مىليونلىغان تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى. ئېتىقادنىڭ كۈچى بىر ئاددىي كىشىنى جۇلالاندۇردى، ھەر تەرەپكە نۇر چاچقۇزدى؛ ئېتىقادنىڭ كۈچى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەردە ئورتاق سادا ھاسىل قىلدى، قەلبداشلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

دۆلەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر چېگرا چارلىغان «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋدىن «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان» «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەگىچە، يەنە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىنىقىغىچە كۈرەش قىلغان «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» ليۇ خۇغىچە... بۇ بىپايان تۇپراقتا، يۈكسەك ئېتىقادقا ئىگە ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى شىنجاڭدىكى مىليونلىغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، پارتىيەمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ رېئال كارتىنىسى.

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تەيشەن تېغىدەك مۇستەھكەم قىلدى.

− ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتتى. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

− سەمىمىي سادىق بولىدىغان غايە ـ ئېتىقادنى چىڭ ساقلىدى. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگىچە، يەنە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگىچە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قىزىل بايراق ئاستىدا «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئۇيۇشتى.

− يىمىرىلمەس تەشكىلىي سىستېما بەرپا قىلدى. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە بايرىقىنى تېخىمۇ چاقناتتى.

− ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئېسىل ئىستىلنى چېنىقتۇردى. مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز «تۆت خاھىش»نى نازارەت قىلىپ ۋە جازالاپ، بىر مەسىلە ـ بىر مەسىلىدىن ھەل قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى گېپىدە تۇرسا، ئامما قايىل بولۇشتىن ئىبارەت ئوڭ يۆنىلىشلىك ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسەللىكىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەپ ئۇرغۇتتى.

...

2014 ـ يىلى باھاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن مۇنداق ئۈمىد كۈتتى: «ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى». ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى يەردە قويماي، ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.