تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ: بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، 143- تۇەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ بۇنچە ياخشى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرمۇ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ھېچنىمە ئالالمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىڭتۇەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  (يېزىق مۇخبىرلىرى: جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي؛ سۈرەت مۇخبىرلىرى: لى شۆرېن، شيې خۇەنچى) 

   پايدىلانغان مەنبە: «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.