تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كېلىپ، «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى، ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ماناس»نىڭ ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلار ئورۇنلىغان نومۇرنى تەسىر قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن، دەپ ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئېقىنلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. «ماناس»قا ئوخشاش بۇ خىل مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

(جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي يازغان؛ لى شۆرېن، شيې خۇەنچى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.