تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ: مەن مەھەللە خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن

  7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، بۇ ئورۇننىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، ياشانغانلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇلارنى يوقلىدى. مەھەللىدە ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجىغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن مەھەللە خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن، مەھەللەڭلەرنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم. مەھەللە ناھايىتى مۇھىم، ئۇ يۇقىرىدىكى مىڭ تال يىپنى تۆۋەندە بىر تال يىڭنىگە ئۆتكۈزگۈچى، نۇرغۇن خىزمەتنى مەھەللىگە تايىنىپ تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ. بىز خىزمەتلەردە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشىمىز، چوقۇم ئاممىغا يېقىن بولۇشىمىز، ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۇنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بەختلىك قىلىشمىز كېرەك.

(جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي يازغان؛شيې خۇەنچى، يەن يەن فوتوسى)

  

  

  

  

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.