تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان، ئالدىراش ھەم خۇشال ئىشلەيدىغان مەھەللە «باشلىقى»

چېن مىن:

90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان، ئالدىراش ھەم خۇشال ئىشلەيدىغان مەھەللە «باشلىقى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«بوۋا، بىز مومام ئىككىڭلارنى يوقلاپ كەلدۇق، قانداقلا ئېھتىياجىڭلار بولسا، بىزگە تېلېفون قىلساڭلار بولىدۇ، چاقىرغان ھامان كېلىمىز...» 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى نېفىت يېڭى شەھىرى كوچا باشقارمىسى نەنخۇەن يولى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىن تەۋەلىك رايونىدىكى 85 ياشلىق ئاھالە گو سۇڭدېنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى.

بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، گو سۇڭدېنىڭ پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان خوتۇنى تۇيۇقسىز كېسلى قوزغىلىپ ھوشىدىن كەتتى، چېن مىن دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلەشتى ھەم مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە موماينى بىنادىن كۆتۈرۈپ چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا سالدى. «خوتۇنۇم ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىدا ياتتى، ھەر قېتىم چېن شۇجى كېلىپ ياردەملەشتى، ئۇ ناھايىتى قىزغىن، سەمىمىي، خۇددى ئۆز نەۋرە قىزىمىزغا ئوخشايدۇ» دېدى گو سۇڭدې مىننەتدارلىق بىلەن.

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن چېن مىن مەكتەپ پۈتكۈزۈپلا مەھەللىدە خىزمەت قىلدى، شۇ ئىشلىگىنىچە ئالتە يىل ئىشلىدى. مەھەللە خىزمىتىدە ئۇششاق ـ چۈششەك، مۇرەككەپ ئىشلار كۆپ، ئۇ ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش، لېكىن خۇشال ئىشلەيدۇ.

«مەن كىچىك ۋاقتىمدا تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلۈك تىياتىرى <بىكارچى ما ئاچا>نى كۆرگەن، قوشنىلارغا لايىق تونۇشتۇرۇش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق خۇش پېئىل ما ئاچا مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.» چېن مىن مۇنداق دېدى: «بىز مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ما ئاچىدەك خۇش پېئىل بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ سەۋرچان ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلىسەك، ئاندىن مەھەللىدىكى چوڭ ـ كىچىك ئىشلارنى ياخشى بېجىرەلەيمىز».

نەنخۇەن يولى مەھەللىسىدە 4430 ئائىلىلىك بار، نېفىت كارخانىسىنىڭ تۇرمۇش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەۋەلىك رايوندا ياشانغانلار، بالىلار كۆپ، خىزمەتچىلەرمۇ كۆپ ئىدى. «ئىككىنى كېمەيتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، تەۋەلىك رايوندىكى قىسمەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن قارىغۇچىسى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چېن مىن تەۋەلىك رايونىدىكى مەكتەپ، مەھەللە، ئائىلىلەرنى بىر گەۋدە قىلغان تەربىيەلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەھەللىدە «لىڭديەن دەرسخانىسى» تەسىس قىلدى ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ شەكلى نىسبەتەن مۇقىم، مەزمۇنى نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرۇپ، «ئاتا ـ ئانىلار بولمىسا، بىز بار، مەكتەپ ئىشتىن چۈشكەندە بىز ئۆتكۈزۈۋالىمىز»نى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇردى، پىدائىيلار ۋە مەھەللە كادىرلىرى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «خاتىرجەم ماكانى»نى بەرپا قىلىپ، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

«بۇلتۇر 9 ـ ئايدىن باشلاپ، <لىڭديەن دەرسخانىسى> بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى، بالىلار مەھەللىگە كېلىپ كىتاب ئوقۇسا، تاپشۇرۇق ئىشلىسە، قىزىل كىنولارنى كۆرسە بولىدۇ.» چېن مىن مۇنداق دېدى: ھازىر يازلىق تەتىل، ھەر كۈنى دېگۈدەك بالىلار كېلىدۇ، مەن سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، شۇڭا ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايمەن. بالىلار يەنە مەھەللە تەشكىللىگەن تۈرلۈك پىدائىيلار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتالايدۇ.

مەھەللە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ئۇ پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاخىرقى ئۇچ، ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ماكانى. چېن مىن مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە بەزى ئىشلارنى ئالدىن ئويلىشىشىمىز كېرەك.

يېقىندا، مەھەللە تەۋەلىك رايونىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 300دىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيگە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن كۆپ قىسىم ھەربىينىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان، ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، چېن مىن مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تىزىملىدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزدى.

2020 ـ يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، چېن مىن پارتىيە ئەزالىرىدىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆتۈرۈپ بىناغا چىقىپ چۈشۈپ، ھەر كۈنى 20 مىڭ قەدەمدىن ئارتۇق يول يۈردى. تەۋەلىك رايوندىكى مەلۇم بىر ئاھالىنىڭ راك كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىسى تۈگەپ قالغاندا، ئۇ دەرھال ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، جاننى قۇتقۇزىدىغان دورىنى بۇ ئاھالىنىڭ ئۆيىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەردى...

مەھەللە «باشلىقى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، 90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان چېن مىن 70 ـ يىللاردا، 80 ـ يىللاردا تۇغۇلغان 20 نەچچە مەھەللە كادىرىنى باشلاپ، مەھەللىدىكى چوڭ ـ كىچىك ئىشلارنى تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلدى. «خىزمەتكە يېڭى چۈشكەندە، نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالغانىدىم، ھېلىمۇ ياخشى بىر ياخشى رەھبەرگە ئۇچرىدىم، ئۇ بىزگە قانداق ئىشلەشنى بىر ـ بىرلەپ ئۆگەتكەن، بىزنى يېتەكلەپ ئىشلىگەنىدى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئاممىۋى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى چېن مىن.

ئالتە يىلدىن بۇيان، چېن مىن ھەر كۈنى تەۋەلىك رايونىدىكى چوڭ ـ كىچىك كوچىلاردا ئالدىراش يۈرۈپ، بارلىق ئامال ـ چارىلەر بىلەن ئاھالىلەرنىڭ غەم قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بەردى. توختىماي چېپىپ يۈرۈش داۋامىدا، ئۇ ئىشقا پىشتى، ئۆسۈپ يېتىلدى.

«مېنىڭ ياشلىق باھارىم مەھەللىدە، ئاھالىلەر مېنىڭ تۇغقىنىم، ھەر قېتىم ئاھالىلەر ئۈچۈن بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ رازىمەنلىك بىلەن قايتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئىچ ـ ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن.» چېن مىن مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەرنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتىدىن خاتىرجەملىك ۋە بەختنى ھېس قىلىشى دەل بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ».

2021 ـ يىلى، چېن مىن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇپ باھالاندى. كېيىنكى قەدەمدىكى نىشانى توغرىسىدا توختالغاندا، چېن مىن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، جېڭجوۋغا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشكە بارغاندا، شۇ جاينىڭ ئاقىل مەھەللە خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى كۆردۈم، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاپتوماتىك ماشىنىدا بىۋاسىتە تاماملىغىلى بولىدىكەن، ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن. «مەن ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى توردا تېخىمۇ كۆپ كەسىپ بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش مېنىڭ داۋاملىق تىرىشىش يۆنىلىشىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.