تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]​«شىنجاڭدا تۇرغان ئالتە يىلنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم»

جاڭ پېڭ:

​«شىنجاڭدا تۇرغان ئالتە يىلنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«ھەرىكىتىڭىز ئەركىنرەك بولسۇن، قول - ھەرىكىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ...» 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىكى مەشىق زالىدا ئۇسسۇلچىلار مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، رېژىسسور جاڭ پېڭ ياندا تۇرۇپ پەس ئاۋازدا كۆرسەتمە بېرىۋاتاتتى.

جاڭ پېڭ 90 - يىللاردا تۇغۇلغان، ئۇ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» ناملىق ئۇسسۇلنىڭ رېژىسسورلىرىنىڭ بىرى. بۇلتۇر 10 - ئايدا، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان بۇ ئەرلەر كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئەسىرى 13 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى»نىڭ مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن جاڭ پېڭمۇ نام چىقاردى.

«مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى، ئويۇن قويۇش، تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش تەكلىپى ئۈزۈلمىدى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئۇسسۇلىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. لېكىن ماڭا شۇنىسى ئايانكى، ھەرقانداق شان - شەرەپ ئۆتمۈش ھېسابلىنىدۇ، ئىجادىيەت قەدىمىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.» جاڭ پېڭنىڭ قارىشىچە، بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدىكەن، «شىنجاڭدا تۇرغان ئالتە يىلنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم، دۆلەت دەرىجىلىك تېما <كۈسەن مۇزىكا - ئۇسسۇل مەزمۇنىدىكى تام رەسىملىرىنى قايتا نامايان قىلىش> تەتقىقاتىغا قاتناشتىم، ئىجاد قىلغان ئەسىرىمىز <شاۋۇتانى ئىزدەش> دۆلەت سەنئەت فوندى تۈرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، ئاپتونوم رايون ۋە مەكتەپنىڭ چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشتىم...» قايتا - قايتا تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە ئىجاد قىلىش جەريانىدا، ئۇ پەقەت رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان قايناق دەۋر تۇرمۇشى ئىچىدىن سەنئەت ھاياتىنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

«مەن ھازىر <رەڭدارلىققا تولغان تام رەسىملىرى> ناملىق كىلاسسىك ئۇسسۇلنى تەييارلاۋاتىمەن، نۆۋەتتە بۇ ئۇسسۇلنى ئىشلەپ پۈتكۈزدۇق ھەم جۇڭگو ئۇسسۇلى <نېلۇپەر مۇكاپاتى>نىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇل تۈرىگە يوللىدۇق.» جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۇسابىقە شېنياڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىم نەزەرىمنى كۈسەن مۇزىكا - ئۇسسۇلىغا قارىتىمەن.

«مەن كىلاسسىك ئۇسسۇل ئۆگەنگەن، بۇ بىرنەچچە يىلدا كىلاسسىك ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم. <كۈسەن مۇزىكا - ئۇسسۇل مەزمۇنىدىكى تام رەسىملىرىنى قايتا نامايان قىلىش> تەتقىقاتىغا قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن، كۆپ قېتىم قىزىل مىڭئۆي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەندىم، بۇنىڭ بىلەن مەندە نۇرغۇن ئىجادىيەت ئىلھامى بىخلاندى.» جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: «رەڭدارلىققا تولغان تام رەسىملىرى» ناملىق كىلاسسىك ئۇسسۇلنى ئىشلەپ پۈتكۈزۈشكە ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتتى، بۇ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىكى 22 نەپەر ياش ئارتىس ئورۇنلىغان كىلاسسىك كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈسەن مۇزىكا - ئۇسسۇلى، تام رەسىم سەنئىتى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەنگەن.

سەھنىدە، جاڭ پېڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئۇسسۇلچى؛ سەھنىدىن چۈشكەندە، ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە بەرپا قىلغان «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى نۇقتىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت تۈرىگە ئارتىس تاللاش، باھالاش شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئېلىپ بېرىلدى، جاڭ پېڭنىڭ يېتەكلىشىدە ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىغان ئۇسسۇل ئەسىرى باھالىغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

«مەن كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە شىنجاڭلىق يىگىتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان بەخت نۇرىنى كۆردۈم، بىر خىل ئۇسلۇبنىلا ئەمەس، بەلكى <قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت> ناملىق ئۇسسۇلنىڭ باش تېمىسىنى ھېس قىلدىم» دېدى دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك رېژىسسور گاۋ شەن.

«دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ سەنئەت نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي سەۋىيەسى ۋە سەنئەت ئەخلاقى جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى جاڭ پېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.