تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدىكى «كۆچمە 110»

ئاسىلبېك:

چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدىكى «كۆچمە 110»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

«6 ـ ئايدا كېلەر ئەتىياز، 8 ـ ئايدا لەپىلدەيدۇ قار، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە چىقىدۇ شامال، ھەر كۈنى كىيىلىدۇ پاختىلىق چاپان.» قوشاقتا كۈيلەنگىنى قازان دەرياسى ۋادىسى بولۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالاتاۋ تېغى بىلەن بيېجېنتاۋ تېغى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تەبىئىي مۇھىتى جاپالىق، لېكىن ئاسىلبېك بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، چارۋىچىلارنىڭ سىردىشى بولۇشقا چىن قەلبىدىن رازى بولدى.

ئاسىلبېك شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قازان دەرياسى چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى، ئۇ بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا توققۇز يىلغا يېقىن بولدى، ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قازان دەرياسى ۋادىسىدىكى جىلغىلارنى قاپلىدى، ھەربىر چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ يايلىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، قايسى تاغدا خەۋەرلىشىش سىگنالى بارلىقىنى ئۇ ئېنىق بىلەتتى.

ئاسىلبېك شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدىكى «كۆچمە 110».

بۇ يىل 1 ـ ئايدا، چارۋىچى جاقىپنۇر ئائىلىسىنىڭ ئالتە ئېتى يىتىپ كەتتى، ئۇ يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەپ تاپالمىغاچقا، ئاسىلبېككە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى. يىل بويى چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرغاچقا، ئاسىلبېك چارۋىلارنىڭ ئادىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى، ئۇ ئېزىپ قالغان ئات توپىنىڭ دەريا ۋادىسىنى بويلاپ تاغقا قاراپ ماڭىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. «قىشتا دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كۆكسۇ جىلغىسىنىڭ سۇ مەنبەسى مول، ئوت ـ چۆپلىرى ياخشى بولغاچقا، ئات توپى ئۇ يەرگە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ بېرىشى مۇمكىن» دېدى ئاسىلبېك.

شۇ كۈنى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى، ئاسىلبېك خىزمەتداشلىرى بىلەن شىۋىرغانغا قارىماي، ئۈچ تاغدىن ھالقىپ ئۆتتى، ئىككى مۇز دەريانى كېچىپ ئۆتتى، دەرۋەقە ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكسۇ جىلغىسىنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئات توپىنى تاپتى.

قازان دەرياسى جىلغىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5 ـ شى 88 ـ تۇەنىدىكى چارۋىچىلارنىڭ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ئىدى، قورغاس ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قىشلاقلىرىمۇ يېقىن ئەتراپتا بولۇپ، بۇ يەردە چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلار پەسىلگە ئەگىشىپ كۆچۈپ تۇراتتى، كۆپ بولغاندا 200 ـ 300 ئادەم، 20 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا، ئاز بولغاندا ئىككى ـ ئۈچ ئائىلىلىك، 100 تۇياققا يېقىن چارۋا بار بولاتتى. ئاسىلبېك ئۆزىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى ھەربىر چارۋىچى ئائىلىسىگە قالدۇرغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىگە ھەرۋاقىت ئىنكاس قايتۇراتتى.

«قىزىم يوقاپ كەتتى، تېزدىن بىزگە ياردەملىشىپ ئىزدىشىپ بەرگەن بولسىڭىز.» 6 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر كۈنى، چارۋىچى نۇربېك رەقىمباي تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى. ئاسىلبېك گەرچە ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ، نۇربېكنىڭ ئەندىشىسى ۋە تەشۋىشىنى ئېنىق ھېس قىلدى ھەم ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى.

ئەسلىدە، ئۈچ كۈن ئىلگىرى، نۇربېكنىڭ قىزى شياۋمى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كېسەللىك رۇخسىتى ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ دەرسكە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنى ناھىيە بازىرىغا قايتىدىغان ماشىنىغا سېلىپ قويۇشنى ئېيتقان، نەتىجىدە، ئۇ مەكتەپكىمۇ بارمىغان، ئۆيىگىمۇ قايتمىغان. ئۆيىدىكىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن تىت ـ تىت بولۇپ، ھەممە يەرنى ئىزدىگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىز ـ دېرىكىنى ئالالمىغان.

مۇشۇ پەيتتە، ئاسىلبېك ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، پۈتۈن پونكىتتىكى خەلق ساقچىلىرىنى جىددىي ئادەم ئىزدەشكە ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ كاللىسىدا نۇربېك ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنىڭ كىگىز ئۆيى بار جايلارنى توختىماي ئۆتكۈزۈپ، شياۋمىنىڭ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان جايلارنى تەھلىل قىلىپ، بىر ـ بىرلەپ تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. بىرنەچچە سائەت رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى شياۋمىنىڭ قىز ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدىن ئۇنى تاپتى.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، ئاسىلبېك كېچىلىك ئىسمېنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر يېتىلگەن يىلپىزنىڭ ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئەتراپىدىكى چارلاش تاشيولىدىن ئۆتۈپ، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قاشاسىدىن ئاتلاپ يايلاققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى بىردىنلا ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى، چۈنكى يىلپىز ماڭغان لىنىيە ۋە ھەرىكەت رايونى دەل ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ چارلاش گۇرۇپپىسى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلار كۈندىلىك چارلاشنى قانات يايدۇرىدىغان، چارۋىچىلار چارۋا باقىدىغان، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان رايون ئىدى. ئەتراپتىكى خادىملارنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاسىلبېك دەرھال سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى چارلاش گۇرۇپپىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كۆپچىلىككە يىلپىزنىڭ ھەرىكەت رايونىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئۇقتۇردى. تاڭ يورۇشى بىلەنلا، ئۇ يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىككە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئادەم ۋە كالا ـ قويلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداشنى ئەسكەرتتى.

قازان دەرياسى بويىدا، مەيلى چېگرانى چارلاپ تەكشۈرۈش، زىددىيەت، تالاش ـ تارتىشلارنى ھەل قىلىش بولسۇن ياكى سىياسەت، قانۇن ـ نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولسۇن، ھەمىشە ئاسىلبېكنىڭ سىيماسى كەم بولمايدۇ. بۇ يىل، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ 19 ـ نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلار 4 ـ ماي مېدالى» غا ئېرىشتى، شەرەپ ئالدىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن باشقا جەھەتتە تۆھپە قوشالمايمەن، ئەستايىدىللىق بىلەن چارۋىچىلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش دەل ياشلىق باھارىمنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ھېسابلىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.