تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنە يېڭى شان - شەرەپ قۇچايلى

− شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز

2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى كۈنى. 25 يىل ئىلگىرىدىكى بۈگۈنكى كۈندە، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، مىللەتنىڭ 100 يىللىق ئار - نومۇسى يۇيۇلدى، ۋەتەننى پۈتۈنلەي تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم بىر قەدەم بېسىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شياڭگاڭ قايتىدىن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرى بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش داغدام يولىدا مېڭىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي يېڭى دەۋرنى ئاچتى.

25 يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭ ۋەتەننى تايانچ قىلىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزىنىڭ زامانىۋى قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتى خۇددى بىر يۇمران كۆچەتتەك بوران - چاپقۇن ۋە ئىسسىق - سوغۇقتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، مول مېۋە بەردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، شياڭگاڭ خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار مۇھىم بايان ۋە مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىدا يېڭى تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى، سودا مەركىزى بولۇشتەك ئورنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دېموكراتىيە ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە ئەركىنلىكى تېخىمۇ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىزىشەن تېغى ئېتىكىدە يېڭى ھېكايە پۈتۈلدى.

شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە بىر مەھەل كەسكىن ۋەزىيەت كۆرۈلگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۆلچەرلەپ، مەركەزنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى»نى تۈزۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللىدى. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ پىرىنسىپ. «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، ئاندىن ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈم تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى، ئاندىن تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ، شياڭگاڭ ئاندىن ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ.

پاتقاقنى كېچىپ ئۆتكەندىلا چوڭ يولنىڭ قەدرىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ بوران - چاپقۇن ۋە ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، قۇياش نۇرىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىللىق قالتىس تارىخىي مۇساپە شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق، شياڭگاڭنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «25 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن بوران - چاپقۇن، ئىسسىق - سوغۇق ۋە خىرىسنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، <بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم>نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىدە پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۇق.» كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ نامايان بولىدۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى جەزمەن تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

مىڭلىغان تاغلار بىر - بىرىگە تۇتاش، ئونمىڭلىغان دەريالار مەنبەداش، شياڭگاڭنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن ۋەتەن بىلەن زىچ باغلانغان، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى باشتىن - ئاخىر شياڭگاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ تايانچى. بۈگۈنكى ۋەتىنىمىز يۈكسەك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن، كۈندىن - كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭلۇقى، ھاياتىي كۈچىنىڭ زورلۇقىغا تايىنىپ، شياڭگاڭنىڭ ئەۋزەللىكنى ئاشۇرۇشى، بوشلۇقنى كېڭەيتىشى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تامامەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشى شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى مۇھىم، زور پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يېڭى مۇساپىدە، مەركەز شياڭگاڭنىڭ ئىچكى جايلار بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تۈزۈم - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى جايلاردا ئۆگىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى جايلار بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىدىكى تۈرلۈك مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. ئەمەلىيەت داۋاملىق شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «بىر دۆلەت» ئاساسىنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككى تۈزۈم» پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئورۇننى توغرا تاپقاندىلا، شياڭگاڭ چوقۇم يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

شامالنىڭ چىقىشى دەل يەلكەن چىقىرىدىغان پەيت، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش كېرەك. شياڭگاڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك، دۆلىتىمىز يولغا قويغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەڭ چوڭ سەھنە. يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە ئورۇن ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بۇنداق ئورۇن ۋە رول كۈچىيىدۇكى، ئاجىزلاشمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى قايتىدىن توغرا يولغا قايتتى، كىشىلەر قەلبى مۇقىملىققا تەلپۈندى، كىشىلەر قەلبى تىنچلىققا تەلپۈندى، كىشىلەر قەلبى خاتىرجەملىككە تەلپۈندى، «مۇقىملىققا ئىنتىلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش» ئاساسىي ئېقىم خەلق رايى بولدى، «شياڭگاڭ ئۈچۈن يېڭى سەھىپىنى ئورتاق ئېچىش» كۈچلۈك ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، شياڭگاڭ تۈزىلىشتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شياڭگاڭنىڭ بازارلاشقان، خەلقئارالاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋە ئىختىساسلىقلار كۆپ بولۇش، مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلا بولۇش قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ شياڭگاڭنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى گۈللەندۈرۈش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تامامەن ئىقتىدارى، ئەقىل - پاراسىتى يېتەرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا، ھەتتا دۇنيا سەھنىسىدە داۋاملىق ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ. يېڭى مۇساپىدە، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار داۋاملىق تۈردە سەمىمىي بولغان ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش روھى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەن، چوقۇم شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

25 يىل بوران - چاپقۇن، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، 25 يىل سىڭدۈرگەن ئەجىر ئەتىيازدا چېچەكلەپ كۈزدە مېۋە بەردى، شياڭگاڭ يەنە بىر قېتىم يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەركەزنىڭ <بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم> فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئىرادىسى ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى، شۇنداقلا ئۆزگەرمەيدۇ.» بۈگۈنكى شياڭگاڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك پۇختا ئاساسقا ئىگە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىش ۋە مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىيالايدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك مۇساپىدە، شياڭگاڭ زور ئىستىقبالغا ئىگە، شۇنداقلا جەزمەن رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ . بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتسىلا، شياڭگاڭ چوقۇم يېڭى پەللىدە يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شان - شەرەپ قۇچىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.